زەبۇر 134 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى134-مۇناجات يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات 1 ئەي پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلار، كېچىلەپ خۇدا ئۆيىدە ئىبادەتتە بولىدىغانلار، كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنى تەرىپلەڭلار! 2 مۇقەددەس جاي تەرەپكە قاراپ، دۇئاغا كۆتۈرۈلسۇن قوللىرىڭلار، پەرۋەردىگارنى تەرىپلەڭلار! 3 ياراتقۇچىدۇر خۇدا ئاسمان، زېمىننى، بەختىيار قىلغاي ئۇ سىئوندىن سىلەرنى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti