زەبۇر 133 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى133-مۇناجات يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان، داۋۇت يازغان مۇناجات 1 قاراڭلار، نەقەدەر گۈزەل، نەقەدەر يېقىملىق، قېرىنداشلار ئارا بولسا ئىناقلىق. 2 ئىناقلىق قىممەتلىك ياغدەك بولۇر، ھارۇننىڭ بېشىدىن قۇيۇلۇپ بۇ ياغ، ئېقىپ چۈشۈپ ساقاللىرىغا، تامغانىدى ياقىلىرىغا. 3 مول شەبنەمگە ئوخشار ئىناقلىق، خەرمون تېغىدىكى شەبنەملەر چۈشكەن كەبى سىئونغا، بەرھەق، بەختنى _ مەڭگۈلۈك ھاياتنى، ئاتا قىلغانىدى پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti