زەبۇر 130 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى130-مۇناجات يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات 1-2 پەرياد قىلدىم پەرۋەردىگار مۈشكۈللۈكتە، قۇلاق سالغىن ئىگەم مېنىڭ ئەرزىمگە. ئاڭلىغايسەن ئاۋازىمنى، ياردەم تىلىگەن سادايىمنى. 3 ئەگەر خۇدا پۈتۈپ قويساڭ پۈتۈكۈڭگە بىزنىڭ قىلغان گۇناھ ۋە قىلمىشىمىزنى، قۇتقۇزالار جازايىڭدىن كىم ئۆزىنى؟ 4 بىراق كەچۈرۈم بولغاچ سەندە، ساڭا ئىخلاس باردۇر بىزدە. 5 كۈتمەكتىمەن پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈشتە، ۋۇجۇدۇمدا ئۈمىد بولغاچ ئۇنىڭ سۆزىگە. 6 سەھەرگە تەشنا بولغان كېچىلىك كۆزەتچىنىڭ زارىقىشىدەك كۈتمەكتىمەن ئىگەمنى قېتىدىن يۈرىكىمنىڭ. 7 ئەي ئىسرائىللار، ئۈمىد باغلاڭلار پەرۋەردىگارغا، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت باردۇر ئۇنىڭدا، تەييار تۇرغاندۇر ئۇ بىزنى قۇتقۇزۇشقا. 8 پەقەت پەرۋەردىگار قۇتقۇزار ئىسرائىللارنى، گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن خالاس قىلىپ ئۇلارنى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti