Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


13-مۇناجات
داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتارسەنمۇ مەڭگۈ مېنى؟ يوشۇرارسەن قاچانغىچە مەندىن يۈزۈڭنى؟

2 ھەسرەت يۇتۇپ ئۆتەرمەن، قاچانغىچە ئەندىشىدە، دۈشمىنىم دەسسەپ تۇرار قاچانغىچە يەلكەمگە؟

3 ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، جاۋاب بەرگىن نەزىرىڭنى سېلىپ ماڭا، نۇرلاندۇرغىن كۆزلىرىمنى، بولمىسا كېتەرمەن مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا.

4 ئەگەر كۆزلىرىم يۇمۇلسا خۇش بولار رەقىبلىرىم، «مەن ئۇنىڭدىن غالىب كەلدىم» دېيىشەر دۈشمەنلىرىم.

5 تايىنىپ كەلدىم مەن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭگە، نىجاتىڭدىن تولۇپ تاشسۇن شادلىق قەلبىمگە.

6 ئىلتىپات ئەيلىگەچ سەن ماڭا، ئى پەرۋەردىگار، مۇناجات ئوقۇيمەن ساڭا.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan