زەبۇر 129 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى129-مۇناجات يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات 1 «ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا كۆپ قېتىم زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەنىدى ئۇلار.» ئاھ ئىسرائىللار، شۇنداق دەڭلار! 2 «ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا كۆپ قېتىم زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇلار، بىراق غەلىبە قىلالمىدى ئۈستۈمدىن زىنھار.» 3 قوشچى يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرغان كەبى، قامچىدا ئۇلار دۇمبەمگە ئىزلار سالدى. 4 ئادالەتلىك، ھەققانىيدۇر پەرۋەردىگار، رەزىللەرنىڭ ئاسارىتىنى ئۇ سۇندۇرار. 5 سىئونغا نەپرەت بىلەن قارايدىغانلار، رەسۋا قىلىنىپ ئارقىسىغا چېكىندۈرۈلسۇن. 6 خۇددى ئۆگزىدە ئۈنۈپ قالغان چۆپلەردەك ئورۇلماي تۇرۇپ ئۇلار سولۇشۇپ قالسۇن. 7 چۆپ ئورىغۇچى چۆپنى يىغسا بىر تۇتاممۇ چىقمىسۇن. چۆپ باغلىغۇچى باغلىسا بىر باغلامغا توشمىسۇن. 8 يولدىن ئۆتكەنلەر دېمەس بۇ قۇتلۇق تىلەكنى ئۇلارغا: «ئىگىمىز بەرىكەت بەرسۇن ئىشىڭلارغا، سىلەرگە بەخت تىلەيمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti