Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 128 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


128-مۇناجات
يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات

1 نەقەدەر بەختلىكتۇر پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار، نەقەدەر بەختلىكتۇر ئۇنىڭ يولىدا ماڭغانلار.

2 بەرھەق، مېھنىتىڭلارنىڭ مېۋىسىنى يەيسىلەر، روناق تېپىپ، بەختىيار بولىسىلەر.

3 ئايالىڭلار ئوخشار مول مېۋە بەرگەن ئۈزۈم تېلىغا، زەيتۇن شېخىدەك كۆپ بولار بالىلىرىڭلار يېنىڭلاردا، داستىخىنىڭلارنى چۆرىدەپ ئولتۇرار ئۇلار ئەتراپىڭلاردا.

4 مانا شۇنداق بەرىكەت تاپار پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەن ئادەم.

5 پەرۋەردىگار سىئوندىن ئاتا قىلسۇن ساڭا بەختنى، كۆرگەيسەن ئۆمۈر بويى روناق تاپقان يېرۇسالېمنى.

6 ئۆمرۈڭ يەتكەي بالاڭنىڭ بالىلىرىغا، تىنچ-ئامانلىق بولغاي ئىسرائىللارغا.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan