زەبۇر 127 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى127-مۇناجات يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان، سۇلايمان يازغان مۇناجات 1 ئۆينى سالمىسا ئۆزى پەرۋەردىگار، ئۆي سالغۇچىلارنىڭ ئەجرى بىكار كېتەر. ناۋادا شەھەرنى قوغدىمىسا پەرۋەردىگار، بىھۇدىدۇر ئويغاق تۇرسىمۇ قاراۋۇللار. 2 بىكاردۇر نان ئۈچۈن جاپا تارتقىنىڭلار ئەنسىرەپ سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتقىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆيگەنلىرىگە كېچە ياتقاندىمۇ رىزقىنى ئاتا قىلار. 3 پەرۋەردىگارنىڭ سوۋغىتىدۇر پەرزەنتلەر، ئۇنىڭ بەرگەن ئىلتىپاتىدۇر ھامىلىلەر. 4 تاپقان ئوغۇللىرى ئادەمنىڭ ياشلىقىدا، ئوخشار پالۋاننىڭ قولىدىكى ئوقلىرىغا. 5 بەختلىكتۇر سادىقىنى تولدۇرغانلار مۇشۇنداق ئوقلارغا، چۈنكى ئۇلار مۇنازىرىلەشكەندە شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا، يېڭىلىپ، شەرمەندە بولماس قارشىلاشقانلارغا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti