زەبۇر 126 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى126-مۇناجات يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات 1 پەرۋەردىگار سۈرگۈندىكىلەرنى قايتۇرۇپ كەلگەندە سىئونغا، بولۇپ قالغانىدۇق بىز خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەكلا. 2 خۇشاللىقتىن ئاغزىمىز يېتىپ قۇلىقىمىزغا، چۇقانلار كۆتەرگەنىدۇق شادلىقتا. «پەرۋەردىگار زور بىر ياخشىلىق قىلدى ئۇلارغا»، دېگەن سۆزلەر تارقالغانىدى يات ئەللەر ئارىسىدا. 3 دەرۋەقە پەرۋەردىگار زور ياخشىلىق قىلدى بىزگە، شاد-خۇراملىق تولدى بىزنىڭ قەلبىمىزگە. 4 روناق تاپقان ۋاقتىمىزغا قايتۇر بىزنى، ئى پەرۋەردىگار، توساتتىن سۇغا تولغاندەك جەنۇبتىكى قۇرۇق ئېرىقلار. 5 يىغلاپ تۇرۇپ ئۇرۇق چاچقانلار، ناخشا بىلەن ھوسۇل يىغار. 6 دۈمبىسىگە ئارتىپ ئۇرۇق خالتىسىنى، يىغا بىلەن كەتكەن كىشى، قايتىپ كېلەر ناخشا بىلەن، ئورىغان باغلاملىرىنى كۆتۈرگەن پېتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti