Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 125 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


125-مۇناجات
يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات

1 سىئون تېغى تەۋرەنمەي، مەڭگۈگە مەزمۇت تۇرار، سىئونغا ئوخشار، ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار.

2 تاغلار قورشاپ تۇرغاندەك يېرۇسالېمنى، پەرۋەردىگار قورشاپ تۇرار ئۆز خەلقىنى، تا ئەبەدكىچە قوغداپ ئۇلارنى.

3 بولىۋەرمەس ھۆكۈمرانلىق ھاسىسى پاسىقلاردا، ھەققانىيلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن بۇ زېمىندا، رەزىللەر ھۆكۈمرانلىق قىلسا ھەققانىيلار ئۈستىدە، ھەققانىيلارمۇ ئايلىنىپ كېتەر رەزىللەرگە.

4 ئى پەرۋەردىگار، مېھرىڭنى بەرگىن دائىما، ياخشىلار ۋە قەلبى پاكلارغا.

5 ئادىشىپ كەتكەنلەرنى ئەگرى يوللارغا، جازالايدۇ پەرۋەردىگار رەزىللەرگە قوشۇپلا، تىنچ-ئامانلىق بولغاي ئىسرائىللارغا.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan