زەبۇر 123 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى123-مۇناجات يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات 1 ئەرش تەختىدە ئولتۇرغۇچى ئى خۇدا، تەلمۈرۈپ كۆزلىرىمنى تىكىمەن ساڭا. 2 كۆزلىرىمىز تىكىلگەندۇر خۇدايىمىز _ پەرۋەردىگارغا، قۇللارنىڭ كۆزلىرى كەبى تىكىلگەن قۇلدارنىڭ قوللىرىغا، دېدەكنىڭ كۆزلىرى كەبى تىكىلگەن ئاغىچا خېنىمنىڭ قوللىرىغا. تاكى بىزگە شەپقىتىنى كۆرسەتكىچە تەلمۈرىمىز پەرۋەردىگارغا. 3 ئى پەرۋەردىگار، شەپقەت قىل، شەپقەت قىل بىزگە، چۈنكى تارتقان خورلۇقلىرىمىز يېتىپ ئاشقۇچە. 4 مازاقلىرىغا قالدۇق تولىمۇ باغرى تاشلارنىڭ، خورلۇقىنى تارتتۇق خويمۇ ھاكاۋۇرلارنىڭ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti