زەبۇر 122 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى122-مۇناجات يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان، داۋۇت يازغان مۇناجات 1 شادلانغانىدىم، دېگىنىدە كىشىلەر ماڭا: «بارايلى خۇدانىڭ ئۆيى _ ئىبادەتخانىغا.» 2 ئەي يېرۇسالېم، دەرۋازاڭنىڭ ئىچىدە تۇرىمىز ئەمدى مانا! 3 يېرۇسالېم _ رەتلىك سېلىنغان پۇختا بىر شەھەر. 4 كېلەر قوۋملار، پەرۋەردىگارنىڭ قوۋملىرى ئۇنىڭغا، كېلەر بېرىلگەن پەرمان بويىچە ئىسرائىلغا، شۈكۈر ئېيتىدۇ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا. 5 ئەي يېرۇسالېم، ھۆكۈم چىقىرىلسۇن دەپ سەندە، تەخت سېلىندى داۋۇت جەمەتىدىكىلەرگە. 6 يېرۇسالېمنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن مۇنداق دۇئا ئوقۇلسۇن: «سېنى سۆيگەنلەر روناق تاپسۇن، 7 قورغان ئىچى ئامان بولسۇن، ئوردىلىرى ئاۋات بولسۇن!» 8 قېرىنداش ۋە دوستلىرىم سەندە تۇرغاچقا، تىلەيمەن: «تىنچلىق بولسۇن يېرۇسالېمدا». 9 پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئۆيى سەندە بولغاچقا، ئەي يېرۇسالېم، بەخت تىلەيمەن ساڭا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti