Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 121 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


121-مۇناجات
يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات

1 كۆزلىرىمنى تىكىمەن تاغلارغا، قەيەردىن كېلەر دەپ ياردەم ماڭا.

2 پەرۋەردىگارلا قىلار ياردەمنى، ئۇ ياراتقاندۇر ئاسمان-زېمىننى.

3 ساقلار ئۇ تېيىلىشتىن پۇتلىرىڭنى، سەگەك تۇرۇپ قوغدايدۇ سېنى.

4 بىلگىنكى، قوغدىغۇچى ئىسرائىللارنى، ئۇخلىماس، تەرك ئەتكەندۇر ئۇيقۇنى.

5 قوغدىغۇچىڭدۇر پەرۋەردىگار، ئوڭ يېنىڭدا سايىۋەن بولۇپ تۇرار.

6 زەرەر يەتكۈزەلمەس ساڭا زىنھار، ئاي ۋە قۇياش، كېچە ۋە كۈندۈز.

7 يامانلىقلاردىن قوغدايدۇ پەرۋەردىگار، ھەم جېنىڭنى ئۇ ئامان قىلار.

8 نەزەر سېلىپ پەرۋەردىگار يۈرۈش-تۇرۇشۇڭغا، بۈگۈندىن تائەبەدكىچە ئالار سېنى ئۆز پاناھىغا.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan