Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 120 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


120-مۇناجات
يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات

1 نىدا قىلسام پەرۋەردىگارغا، كۈلپەتتە قالغىنىمدا، ئۇ جاۋاب بەردى ماڭا.

2 «قۇتقۇزغىن مېنى ئى خۇدا، يالغانچى لەۋلەردىن، ئالدامچى تىللاردىن» دەپ ئىلتىجا قىلدىم ئۇنىڭغا.

3 ئەي يالغانچى تىل! قانداق ئۇرار سېنى خۇدا؟ بېرەر ساڭا قانداق جازا؟

4 باتۇرلارنىڭ ئوقلىرى تېگەر، ئارچىلارنىڭ چوغلىرى كۆيدۈرەر.

5 ھالىمغا ۋاي، مۇساپىر بولدۇم مەشەك دىيارىدا، بەختسىز بولدۇم قېدارلارنىڭ چېدىرىدا.

6 تويدۇم ياشاشتىن بۇ يەردە، تىنچلىققا ئۆچ خەلق ئارىسىدا.

7 سۆيۈپ مەن تىنچلىقنى، دېسەممۇ «تىنچلىقتا ياشايلى» گەر، بىراق ئۇلار «ئۇرۇشايلى» دەر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan