Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


12-مۇناجات
داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، «شېمىنىت»تا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 قۇتۇلدۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار، تۈگەپ كەتتى تەقۋادارلار، قالمىدى ساڭا سادىق ئىنسانلار.

2 يالغان سۆزلەر ئادەملەر بىر-بىرىگە، ئاغزى سىلىق بولسىمۇ راستچىللىق يوق قەلبىدە.

3-4 دەيدۇ ئۇلار: «تىلىمىز بىلەن غالىب كېلىمىز، ئۆزىمىزنىڭكىدۇر ئاغزىمىز، كىممۇ بولالايتتى خوجىمىز؟!» پەرۋەردىگار ئېتىۋەتكەي خۇشامەتچىلەرنىڭ ئېغىزلىرىنى، كېسىۋەتكەي ھەم پوچىلارنىڭ تىللىرىنى.

5 «مەن باراي» دەيدۇ خۇدا: «زۇلۇم تارتقاچ ئېزىلگەنلەر، نالە قىلغاچ مىسكىنلەر، يەتكۈزەي ئۇلارنى تەشنا بولغان ئامانلىقىغا.»

6 تونۇردا يەتتە قېتىم تاۋلانغان ساپ كۈمۈش كەبى، چىن سۆزلەردۇر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى.

7 ئى پەرۋەردىگار، قوغدىغايسەن مىسكىنلەرنى، مەڭگۈ قوغدىغايسەن بۇ دەۋردىكىلەردىن بىزنى.

8 تەرىپلىشىپ پەس ئىشلارنى ئىنسانلار، غادىيىپ يۈرۈشىدۇ ئەتراپىمىزدا يامانلار.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan