زەبۇر 119 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى119-مۇناجات 1 نەقەدەر بەختلىكتۇر دۇرۇس يولدا ماڭىدىغانلار، پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرى بويىچە ياشايدىغانلار. 2 بەختلىكتۇر يەنە ئۇنىڭ پەرزلىرىنى تۇتۇپ، پۈتۈن قەلبى بىلەن ئۇنىڭغا تەلپۈنىدىغانلار. 3 ناھەقچىلىك قىلماس ئۇلار ئەسلا، ماڭار ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا. 4 پەرۋەردىگار چۈشۈردۈڭ ئەمرلىرىڭنى، ئەستايىدىل ئورۇنداڭلار دەپ ئۇلارنى. 5 قارارلىرىم قەتئىي بولغاي مېنىڭ، پەرمانلىرىڭغا ئەمەل قىلىشقا سېنىڭ. 6 كۆڭۈل بۆلسەم ئەمرلىرىڭگە، قالماسمەن ئەسلا شەرمەندىلىككە. 7 مەدھىيەلەيمەن پاك قەلبىمدىن سېنى، ئۆگەنگىنىمدە ئادىل ھۆكۈملىرىڭنى. 8 پەرمانلىرىڭغا ئەمەل قىلىمەن، مېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمىگىن. 9 ياش يىگىت قانداق قىلىپ پاك يولدا ماڭالار؟ ئۇ پەقەت كالامىڭغا ئەمەل قىلغاندا بولار. 10 پۈتۈن قەلبىم بىلەن تەلپۈندۈم ساڭا، ھەق يولۇڭدىن ئېزىشقا يول قويما ماڭا. 11 نىيەت قىلىپ گۇناھكار بولماسلىقنى، ساقلىدىم قەلبىمدە چىڭ سۆزلىرىڭنى. 12 ھەمدۇسانا بولسۇن پەرۋەردىگار ساڭا، ئۆگەتكەيسەن نىزاملىرىڭنى ماڭا. 13 بايان قىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنى، جاكارلايمەن تەلىملىرىڭنى. 14 ئادەملەر خۇرسەن بولغاندەك بايلىقلىرىدىن، شادلىنىمەن ئۆزۈم پەرزلىرىڭدىن. 15 چوڭقۇر پىكىر قىلىمەن نىزاملىرىڭ ئۈستىدە، ئويلىنىمەن يول-قەدىمىڭ ھەققىدە. 16 سۆيۈندۈردى نىزامىڭ مېنى، ئۇنتۇمايمەن كالامىڭنى. 17 شەپقىتىڭنى كۆرسەتسەڭ مەن قۇلۇڭغا، شۇندا مەن ھايات ياشاپ، ئەمەل قىلاي كالامىڭغا. 18 ئاچقىن مېنىڭ كۆزلىرىمنى، كۆرەي تەلىملىرىڭدىكى كارامەتلەرنى. 19 مۇساپىرمەن زېمىندا، ئەمرىڭنى يوشۇرما. 20 يۈرىكىم ئېزىلمەكتە، تەلپۈنۈشتىن ھۆكۈمۈڭگە. 21 ئەيىبلەرسەن لەنەتكە ئۇچرىغان تەكەببۇرلارنى، ئەمرىڭدىن ئېزىپ كەتكەن مەغرۇرلارنى. 22 ئېلىپ تاشلا مەندىن خورلۇق، مەسخىرىلەرنى، چۈنكى ئادا قىلىپ كەلدىم پەرزلىرىڭنى. 23 توپلىشىپ ماڭا سۇيىقەست قىلسىمۇ ھۆكۈمرانلار، پېقىر قۇلۇڭ نىزاملىرىڭ ھەققىدە يەنىلا ئويلىنار. 24 پەرزلىرىڭ سۆيۈنىشىمدۇر، ھەم مېنىڭ مەسلىھەتچىمدۇر. 25 قارا تۇپراق قوينىغا ئالماقچى مېنى، ۋەدەڭگە ۋاپا قىلىپ قۇتقۇزغىن ھاياتىمنى. 26 بايان قىلسام ساڭا يۈرگەن يوللىرىمنى، جاۋاب بەردىڭ، ئۆگەت ماڭا نىزاملىرىڭنى. 27 تەلىمىڭنى چۈشىنىشكە قادىر قىل مېنى، شۇندا خىيال قىلالايمەن كارامەت ئىشلىرىڭنى. 28 غەم-غۇسسىلار دەستىدىن ھاردۇق يەتتى جېنىمغا، كالامىڭغا ئاساسەن كۈچ-قۇدرەت بەرگىن ماڭا. 29 ھىيلە-مىكىر يولىدىن نېرى قىل مېنى، ئىلتىپات ئەيلەپ ئۆگەت ماڭا تەلىملىرىڭنى. 30 تاللىدىم مەن ساداقەت يولىنى، كۆز ئالدىمدا تۇتىمەن ھۆكۈملىرىڭنى. 31 پەرۋەردىگار، چىڭ تۇتىمەن پەرزلىرىڭنى، شەرمەندىلىكتە قويمىغىن مېنى. 32 قىزغىن ئادا قىلىمەن سېنىڭ ئەمرلىرىڭنى، چۈنكى شۇنداق قىلىشقا قادىر قىلدىڭ مېنى. 33 پەرۋەردىگار، چۈشەندۈرگىن ئەمرلىرىڭنى، ئاخىرغىچە ئىجرا قىلاي ئۇلارنى. 34 قەلبىمنى يورۇتقايسەن، يولۇڭنى تۇتاي، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۇلارغا ئەمەل قىلاي. 35 ئەمرلىرىڭگە بويسۇنىدىغان قىلغىن مېنى، چۈنكى سۆيىمەن سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىشنى. 36 مايىل قىلماي قەلبىمنى مەنپەئەتلەرگە، بەلكى خۇشتار قىلغىن سېنىڭ پەرزلىرىڭگە. 37 نەزىرىمنى يىراق قىلىپ ساختىلىقتىن، ئۆز يولۇڭ بىلەن مېنى روھلاندۇرغىن. 38 ئەمەلگە ئاشۇرساڭ قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭنى، خەلقلەر تېخىمۇ ھۆرمەتلەر سېنى. 39 قورقىمەن، يىراق قىل مەندىن ھاقارەتلەرنى، بەرھەق، ئەلا بىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنى. 40 نەقەدەر تەلپۈنىمەن يوليورۇقلىرىڭغا، مېنى روھلاندۇرغىن ھەققانىيلىقىڭدا. 41 ئى پەرۋەردىگار، كۆرسىتىپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى، ئاتا قىل ماڭا ۋەدە قىلغان نىجاتلىقىڭنى. 42 شۇندا جاۋاب بېرەلەيمەن ماڭا ھاقارەت قىلغانلارغا، چۈنكى مەن تايىنىمەن پەقەت سېنىڭ كالامىڭغا. 43 بەرگىن ماڭا ھەقىقىي گۇۋاھلىقنىڭ پۇرسىتىنى، باغلىغانمەن پەقەت سېنىڭ ھۆكۈمىڭگە ئۈمىدىمنى. 44 بويسۇنىمەن دائىما تەلىملىرىڭگە، رىئايە قىلىمەن ھەم مەڭگۈگە. 45 مەن ئەركىن، بىخەتەرمەن ھەممە جايلاردا، چۈنكى ئىتائەت قىلىپ كەلدىم يوليورۇقلىرىڭغا. 46 پەرزلىرىڭنى سۆزلەيمەن شاھلار ئالدىدا، رەددىيەگە ئۇچراپ نومۇستا قالماسمەن ئەسلا. 47 ئەمرلىرىڭدىن خۇرسەن بولۇرمەن، ھەم ئۇلارنى شۇنچە سۆيەرمەن. 48 ئەمرلىرىڭنى ھۆرمەتلەپ قولۇم تۇرار كۆكسۈمدە، ئويلىنىمەن مەن سۆيگەن پەرمانلىرىڭ ھەققىدە. 49 ئۇنتۇمىغىن مەن قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭنى _ ماڭا ئۈمىد بېغىشلىغان ئاشۇ كالامىڭنى. 50 ئۇ ماڭا تەسەللىدۇر كۈلپەتتە قالغىنىمدا، يېڭى روھ ئاتا قىلار ۋەدەڭ ماڭا. 51 مەسخىرە قىلسىمۇ مېنى دائىم تەكەببۇرلار، لېكىن سېنىڭ تەلىملىرىڭدىن ئاغمىدىم زىنھار، 52 ئەسلىسەم قەدىمدىن بۇيانقى ھۆكۈملىرىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، بېرەر ئۇلار ماڭا تەسەللىنى. 53 تەرك ئەتكەچ رەزىللەر تەلىملىرىڭنى، باسالمايمەن ئۇلارغا بولغان غەزىپىمنى. 54 يۈرسەممۇ گەر مۇساپىر بولۇپ پانىي دۇنيادا، پەرمانلىرىڭ بولدى ماڭا گۈزەل بىر ناخشا. 55 ئى پەرۋەردىگار، رىئايە قىلىمەن تەلىملىرىڭگە، ياد ئېتىمەن نامىڭنى ھەربىر كېچىدە. 56 رىئايە قىلىپ كەلدىم سېنىڭ يوليورۇقلىرىڭغا، بۇنداق قىلىش بەخت ئېلىپ كەلدى ماڭا. 57 نېسىۋەم دەپ بىلىمەن پەرۋەردىگار بىر ئۆزۈڭنى، ۋەدەم بار چىڭ تۇتۇشقا كالامىڭنى. 58 چىن قەلبىمدىن ئىستەپ كەلدىم شەپقىتىڭنى، كۆرسەت ماڭا ۋەدە قىلغان ئىلتىپاتىڭنى. 59 نەزەر سېلىپ مېڭىۋاتقان يولۇمغا، قەدىمىمنى بۇرىدىم پەرزلىرىڭ تامانىغا، 60 ئالدىرىدىم، ئەمرلىرىڭنى ئىجرا قىلىشقا، ھەم ھېچ ئىككىلەنمىدىم. 61 گەر رەزىللەر چىرمىۋالسىمۇ ئارغامچىلار بىلەن مېنى، ئۇنتۇماسمەن ئەسلا سېنىڭ تەلىملىرىڭنى. 62 ئادالەت بولغاچ ھۆكۈملىرىڭدە ھەمدۇسانا ئوقۇيمەن ساڭا، ئورنۇمدىن تۇرۇپ يېرىم كېچىدە. 63 دوستتۇرمەن ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا، شېرىكمەن يوليورۇقلىرىڭغا رىئايە قىلىدىغانلارغا. 64 مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭگە تولغاندۇر زېمىن، ئى پەرۋەردىگار، نىزاملىرىڭنى ماڭا ئۆگەتكىن. 65 ئۆزۈڭ بەرگەن ۋەدەڭگە ئاساسەن، قۇلۇڭغا ياخشىلىق قىلدىڭ سەن. 66 ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەيسەن ماڭا، چۈنكى مەن ئىشەندىم پەرمانلىرىڭغا. 67 ئازغۇن ئىدىم سەن مېنى جازالاشتىن ئىلگىرى، چىڭ تۇتىمەن ئېسىمدە ئەمدى سېنىڭ سۆزۈڭنى. 68 نەقەدەر شاپائەتلىكسەن، ئايىمىدىڭ ياخشىلىقىڭنى، ئۆگەتكىن ماڭا نىزاملىرىڭنى. 69 تەكەببۇرلار چاپلىسىمۇ يالغاندىن بوھتان ماڭا، ئەمما چىن قەلبىمدىن بويسۇنىمەن يوليورۇقلىرىڭغا. 70 بىخۇدلاشقان ئۇلارنىڭ قەلبى ئەزەلدىن، مەن بولسام سۆيۈنىمەن تەلىمىڭدىن. 71 تارتقان جاپالىرىم پايدىلىق بولدى ماڭا، چۈنكى مېڭىشنى ئۆگەندىم پەرمانلىرىڭ يولىدا. 72 ئېيتقان تەلىملىرىڭنى بىلىمەن ئەلا، مىڭلىغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ھەتتا. 73 قوللىرىڭ ياراتتى، ياسىدى مېنى، ئەقىل بەر ماڭا، چۈشىنەي ئەمرلىرىڭنى. 74 مېنى كۆرۈپ خۇش بولار ئىخلاسى بارلار ساڭا، چۈنكى مەن ئۈمىدىمنى باغلىغانمەن كالامىڭغا. 75 بىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنىڭ ئادىللىقىنى، ساداقىتىڭ بىلەن جازالىدىڭ مېنى. 76 بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە مەن قۇلۇڭغا، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ تەسەللى بولسۇن ماڭا. 77 رەھىم قىلىپ، ساقلىغايسەن ھاياتىمنى، شادلىقىم دەپ بىلىپ كەلدىم تەلىملىرىڭنى. 78 شەرمەندە بولسۇن تەكەببۇرلار، سەۋەبسىزلا ماڭا ناھەقچىلىك قىلغانلار، ئويلىرىم پەقەت تەلىملىرىڭ ھەققىدە بولار. 79 ساڭا ئىخلاس قىلىدىغانلار كەلسۇن يېنىمغا، پەرزلىرىڭنى ئۆگىتىمەن ئۇلارغا. 80 سەمىمىي ئىجرا قىلاي پەرمانلىرىڭنى، شەرمەندىلىكتە قويماس ئۇلار مېنى. 81 زارىقىمەن نىجاتلىقىڭغا، ئۈمىدىمنى باغلىغاچ كالامىڭغا. 82 سېنى «قاچان تەسەللى بېرەركىن» دەپ، زارىقىشتىن تالدى كۆزلەر ۋەدە كۈتۈپ. 83 ئوخشاپ قالساممۇ گەر ئىستا قۇرىغان كېرەكسىز تۇلۇمغا، ھەر دەم چىڭ ساقلىدىم پەرمانلىرىڭنى يادىمدا. 84 قاچانغىچە كۈتكۈزەرسەن مەن قۇلۇڭنى، قاچانلىققا جازالارسەن ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى؟ 85 تەكەببۇرلار مەن ئۈچۈن ئورا كولار، ئۇلار سېنىڭ تەلىمىڭگە قارشى چىقار. 86 ئىشەنچلىكتۇر ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسىلا، ياردەم قىل، دۈشمەنلەر سەۋەبسىز زىيانكەشلىك قىلماقتا ماڭا. 87 يەر يۈزىدىن يوق قىلاي دەپ قالسىمۇ ئۇلار مېنى، ئەمما تەرك ئەتمىدىم يوليورۇقلىرىڭنى. 88 روھلاندۇرغىن مېنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە، بويسۇناي سېنىڭ بەرگەن پەرزلىرىڭگە. 89 ئى پەرۋەردىگار، كالامىڭ مەڭگۈلۈكتۇر، ئۇ ئەرشتە مۇكەممەل پۈتۈلگەندۇر. 90 ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە بىلدۈردۈڭ ساداقىتىڭنى، ئورناتتىڭ ئۆز ئورنىغا مۇستەھكەم قىلىپ يەرنى. 91 ئەمرىڭ بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا پۈتۈن دۇنيا، چۈنكى پۈتكۈل مەۋجۇدات قۇلدۇر ساڭا. 92 شادلانمىغان بولسام ئەگەر تەلىملىرىڭدىن، ھالاك بولار ئىدىم ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن. 93 ئۇنتۇماسمەن ئەسلا سېنىڭ يوليورۇقلىرىڭنى، چۈنكى ئۇلار روھلاندۇردى ھاياتىمنى. 94 مەن ساڭا مەنسۇپتۇرمەن، قۇتقۇز مېنى، چۈنكى ئىجرا قىلىپ كەلدىم يوليورۇقلىرىڭنى. 95 پەيت كۈتسىمۇ رەزىللەر ۋەيران قىلماققا مېنى، ئەمما دىلىمدا ساقلايمەن يەنىلا پەرزلىرىڭنى. 96 كۆردۈم مەن چەكلىكلىكىنى ھەممە نەرسىنىڭ، ئەمما كەمتۈكى يوقتۇر ئەمرلىرىڭنىڭ. 97 شۇ قەدەر سۆيىمەن تەلىملىرىڭنى، ياد ئېتىمەن كۈنبويى ئۇلارنى. 98 رەقىبىمدىن دانا بولدۇم ئەمرىڭ بىلەن، چۈنكى تەلىمىڭ بىرگە بولغاچ دائىم مەن بىلەن. 99 ئەقىل-ئىدراك ئۇستازلىرىمدىن كۆپرەك بولدى مەندە، چۈنكى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلدىم ئەمرلىرىڭ ھەققىدە. 100 ئاقساقاللاردىنمۇ دانالىقراق بولدۇم، چۈنكى يوليورۇقلىرىڭغا بويسۇندۇم. 101 ئەلا بىلىپ كالامىڭغا ئەگىشىشنى، رەت قىلىپ كەلدىم ھەممە رەزىللىكنى. 102 ھۆكۈملىرىڭدىن قېيىپ كەتمىدىم، چۈنكى ئۆزۈڭ بەرگەنسەن تەلىم. 103 كالامىڭ شېرىن تېتىدى تىلىمغا، ھەسەلدىن تاتلىق تۇيۇلدى ئاغزىمغا. 104 دانا بولۇرمەن يوليورۇقلىرىڭدىن، نەپرەتلىنىمەن شۇڭا ساختا يوللاردىن. 105 چىراغ بولۇپ كالامىڭ پۇتلىرىمغا، نۇر بېرەر ئۇ يوللىرىمغا. 106 قەسەم ئىچتىم، سادىقمەن قەسىمىمگە، بويسۇنىمەن ئادىل ھۆكۈملىرىڭگە. 107 قالدىم مەن قىيىنچىلىق، مۈشكۈللۈكتە، ئى پەرۋەردىگار، روھلاندۇر مېنى ۋەدەڭ بويىچە. 108 قوبۇل قىل چىن دىلىمدىن چىققان مەدھىيەلىرىمنى، ئى پەرۋەردىگار، ئۆگەتكىن ماڭا تەلىملىرىڭنى. 109 ھاياتىم بولسىمۇ دائىم خەۋپ ئاستىدا، ئەمما تەلىملىرىڭنى ئۇنتۇماسمەن ئەسلا. 110 تۇزاق قۇرسىمۇ مەن ئۈچۈن گەرچە رەزىللەر، يوليورۇقلىرىڭدىن چىقماسمەن زىنھار. 111 مەڭگۈلۈك مىراستۇر ماڭا پەرزلىرىڭ، شۈبھىسىزكى، شادلىقىدۇر ئۇلار قەلبىمنىڭ. 112 قارارىم بار بويسۇنۇشقا، ئاداققىچە نىزاملىرىڭغا. 113 ئۆچ كۆرىمەن ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى، بىراق، سۆيىمەن سېنىڭ تەلىملىرىڭنى. 114 باشپاناھ، قالقاندۇرسەن ماڭا، ئۈمىدىم باردۇر سېنىڭ كالامىڭدا. 115 كۆز ئالدىمدىن يوقىلىڭلار، ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار، خۇدايىمنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماققا قارارىم بار. 116 ئۆزۈڭ ۋەدە قىلغىنىڭدەك يار-يۆلەك بول ھاياتىمغا، شەرمەندە قىلىپ، قويما مېنى ئۈمىدسىز ھالغا. 117 يۆلەنچۈك بولغىن ماڭا، شۇندا ئېرىشەي نىجاتلىققا، ھەم كۆڭۈل بۆلەي سېنىڭ پەرمانلىرىڭغا دائىما. 118 نەزىرىڭدە ئەرزىمەستۇر پەرمانىڭدىن تايغانلار، بىھۇدىدۇر قانچىلىك نەيرەڭۋازلىق قىلسىمۇ ئۇلار. 119 ئەخلىتىنى ئايرىغاندەك ئوتتا تاۋلاپ ئالتۇننى، يوق قىلىسەن يەر يۈزىدىن رەزىللەرنىڭ ھەممىسىنى، مەن سۆيىمەن سېنىڭ بارلىق پەرزلىرىڭنى. 120 ۋۇجۇدۇم تىترەر قورقۇپ سېنىڭدىن، ۋەھىمىگە چۈشىمەن ھۆكۈملىرىڭدىن. 121 قىلدىم ئادىل، توغرا ئىشلارنى، زالىملارنىڭ قولىغا قالدۇرما مېنى. 122 كاپالەت بەرگىن مەن قۇلۇڭنىڭ بەختىگە، يول قويما تەكەببۇرلارنىڭ مېنى ئېزىشىگە. 123 كۆزلىرىم تالدى سېنىڭ نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ، ئىشەنچلىك ۋەدەڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتۈپ. 124 مەن قۇلۇڭغا يەتكۈزۈپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى، ئۆگەت ماڭا نىزاملىرىڭنى. 125 ئەقىل-ئىدراك بەرگىن مەن قۇلۇڭغا، پەرزلىرىڭنى چۈشىنەلەيمەن شۇندىلا. 126 ئى پەرۋەردىگار، ۋاقتىڭ كەلدى ھەرىكەت قىلىشقا، چۈنكى خەلق بويسۇنمىدى قانۇنلىرىڭغا. 127 بەرھەق، ئالتۇندىن ئەلا بىلىمەن ئەمرلىرىڭنى، ھەتتا ساپ ئالتۇندىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۇلارنى. 128 ئادىل دەپ قارايمەن پەرمانلىرىڭنى، ئۆچ كۆرىمەن بارلىق ساختىلىقلارنى. 129 پەرزلىرىڭ بولغاچ سېنىڭ بىباھا، بويسۇنىمەن شۇڭا مەن ئۇلارغا. 130 كالامىڭنىڭ مەنىسى يېشىلگەندە، نۇر چاچار يولىمىزغا، ئەقىل-ئىدراك بېرەر ئۇ ساددا ئىنسانلارغا. 131 نەپسىمنى قىسار مېنىڭ تەقەززالىق، چۈنكى باردۇر ئەمرىڭگە ئىنتىزارلىق. 132 ھالىمدىن خەۋەر ئالغىن كۆرسىتىپ شەپقىتىڭنى، نامىڭنى سۆيگەنلەرگە كۆرسەتكەندەك مېھرىڭنى. 133 ۋەدەڭ بار مەزمۇت قىلماقلىققا قەدىمىمنى، ماڭا خوجا قىلىپ قويما ھېچبىر گۇناھنى. 134 ئىنسانلار زۇلمىدىن قۇتقۇز مېنى، چىڭ تۇتاي سېنىڭ يوليورۇقۇڭنى. 135 جامالىڭنىڭ نۇرىنى چېچىپ ماڭا، پەرمانلىرىڭنى ئۆگەتكىن مەن قۇلۇڭغا. 136 خەلقلەر بويسۇنمىغاچ قانۇنۇڭغا، كۆز يېشىم دەريا بولۇپ ئاقماقتا. 137 ئى پەرۋەردىگار، ئادىلسەن ئۆزۈڭ، ھەققانىي ھەم ھۆكۈملىرىڭ. 138 ئادىلدۇر بۇيرۇغان پەرزلىرىڭ، ئىشەنچلىكتۇر ھەممىسى ئۇلارنىڭ. 139 غەزەپلىرىم كۆيدۈرمەكتە تېنىمنى، رەقىبلىرىم مەنسىتمىگەچ سۆزۈڭنى. 140 ئىشەنچلىك بولغاچقا ۋەدىلىرىڭ سېنىڭ، سۆيەر ئۇلارنى شۇنچىلىك، مەنكى قۇلۇڭ. 141 خارلانساممۇ كېرەكسىز ئىنسان بولۇپ، قالماسمەن يوليورۇقلىرىڭنى ئەسلا ئۇنتۇپ. 142 مەڭگۈلۈكتۇر ئادالىتىڭ، ھەقىقەتتۇر تەلىملىرىڭ. 143 كەلگىنىدە بېشىمغا ئازاب ۋە كۈلپەت، ئەمرلىرىڭ بولدى ماڭا شادلىق ئۈلپەت. 144 پەرزلىرىڭ ئادىلدۇر تائەبەدكە، روھلىناي مەن، نۇر ئاتا قىل قەلبىمگە. 145 ئى پەرۋەردىگار، چىن قەلبىمدىن نىدا قىلىمەن ساڭا، بويسۇنىمەن پەرمانلىرىڭغا، جاۋاب بەر ماڭا. 146 ئىلتىجا قىلىمەن، قۇتقۇزغىن مېنى، چىڭ تۇتاي شۇندا پەرزلىرىڭنى. 147 پەرياد قىلىمەن مەدەت تىلەپ سۈبھىدە، ئۈمىدىمنى باغلىغاچقا پەقەت سېنىڭ سۆزۈڭگە. 148 كىرپىك قاقماي چىقىمەن كېچىچە، ئويغا پېتىپ سېنىڭ ۋەدەڭ ھەققىدە. 149 مۇھەببەتلىك پەرۋەردىگار، ئاڭلىغايسەن ئاۋازىمنى، ئادالەتلىك پەرۋەردىگار، قۇتقۇزغىن ھاياتىمنى. 150 يېقىنلاپ كەلمەكتە ماڭا رەزىل ئىنسانلار، تەلىملىرىڭدىن يىراقتۇر ئۇلار. 151 ئى پەرۋەردىگار، يېقىنسەن ماڭا، ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسى توغرا. 152 ئۇزۇندىن بېرى بىلدىمكى شۇنى، پەرزلىرىڭنىڭ مەڭگۈلۈكىنى. 153 نەزەر سېلىپ ئازابلىرىمغا، قۇتقۇزغىن مېنى، ئۇنتۇمىدىم مەن سېنىڭ تەلىملىرىڭنى. 154 دەۋايىمنى قوللىغىن، قۇتقۇزغىن مېنى، ۋەدەڭ بويىچە ساقلىغىن ھاياتىمنى. 155 رەزىل ئىنسانلار نىجاتسىز قالار، ئېتىبار بەرمىگەچ ئەمرلىرىڭگە ئۇلار. 156 پەرۋەردىگار، مېھىر-شەپقەت مولدۇر سېنىڭدە، مېنى روھلاندۇرغىن دېگىنىڭدەك ھۆكۈمۈڭدە. 157 بولسىمۇ گەر شۇنچە كۆپ زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار، پەرزلىرىڭدىن يۈز ئۆرۈمەسمەن زىنھار. 158 نەپرەتلىنىمەن ئىتائەتسىزلەرگە، رىئايە قىلمىغاچ سۆزلىرىڭگە. 159 نەقەدەر سۆيىمەن-ھە، سېنىڭ يوليورۇقلىرىڭنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ بىلەن روھلاندۇر مېنى. 160 كالامىڭنىڭ ئاساسى ھەقىقەتتۇر، ھۆكۈملىرىڭ ئادىل، مەڭگۈگە داۋام قىلۇر. 161 سەۋەبسىزلا زىيانكەشلىك قىلسىمۇ ھۆكۈمدارلار، قەلبىم پەقەت كالامىڭدىن قورقۇپ تۇرار. 162 كالامىڭدىن سۆيۈنۈپ كەلدىم شۇنچە، ئېرىشكەندەك غايەت زور خەزىنىگە. 163 يىرگىنىمەن يالغانچىلىقتىن، سۆيۈنىمەن تەلىمىڭدىن. 164 ساڭا ھەر كۈن يەتتە ۋاق مەدھىيەم بار، بەرھەق، ھەممە ھۆكۈمۈڭگە ئادىللىق يار. 165 تەلىمىڭنى سۆيگەنلەرگە ئامانلىق بولار، ھېچ نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلماس ئۇلار. 166 ئى پەرۋەردىگار، تەلمۈرۈپ كۈتىمەن نىجاتلىقىڭنى. ئىجرا قىلىپ كەلدىم مەن سېنىڭ ئەمرلىرىڭنى. 167 پەرزلىرىڭگە رىئايە قىلىمەن، ھەم ئۇلارنى قىزغىن سۆيىمەن. 168 بويسۇنىمەن پەرزلىرىڭ، نىزاملىرىڭغا، بەرھەق، ھەممە ئەمەللىرىم ئاياندۇر ساڭا. 169 پەرۋەردىگار قۇلاق سالغىن ئاھۇزارىمغا، ۋاپا قىلىپ ۋەدەڭگە ئىدراك بەرگىن ماڭا. 170 ئاڭلىغايسەن پەرۋەردىگار ئىلتىجايىمنى، ۋاپا قىلىپ كالامىڭغا قۇتقۇزغىن مېنى. 171 لەۋلىرىمدىن ئۇرغۇپ چىقار ھەمدۇسانا، چۈنكى سەن ئەمرلىرىڭنى ئۆگەتتىڭ ماڭا. 172 كالاملىرىڭ كۈيلىنەر تىللىرىمدا، چۈنكى باردۇر ئادىللىق بۇيرۇقۇڭدا. 173 تەييار قىلغىن ياردەمگە قولۇڭنى، چۈنكى مەن تاللىغانمەن يولۇڭنى. 174 نىجاتلىقىڭغا تەشنامەن پەرۋەردىگار، تەلىمىڭدىن قەلبىم مېنىڭ شادلىققا تولار. 175 ئىلھام بەر ماڭا، ھەمدۇسانا ئوقۇي ساڭا، ھۆكۈملىرىڭ ياردەم قىلسۇن ماڭا. 176 ئاداشتىم قوي كەبى يولۇمدىن، ئىزدە قۇلۇڭنى، چۈنكى مەن ئۇنتۇماسمەن ئەمرلىرىڭنى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti