Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 118 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


118-مۇناجات

1 شۈكۈر ئېيتىڭلار خۇداغا، شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈگە داۋام قىلار.

2 «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك» دېسۇن ئىسرائىللار.

3 «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك» دېسۇن ھارۇن جەمەتىگە تەۋە بولغانلار.

4 «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك» دېسۇن پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار.

5 نىدا قىلدىم پەرۋەردىگارغا كۈن چۈشكەندە بېشىمغا، نىدايىمغا جاۋابەن نىجاتلىق بەردى ماڭا.

6 قورقمايمەن، مەن تەرەپتە پەرۋەردىگار، نېمە قىلالىسۇن مېنى ئىنسانلار!

7 مەن تەرەپتىدۇر يۆلەنچۈكۈم پەرۋەردىگار، كۆز ئالدىمدا مەغلۇپ بولار ماڭا ئۆچ بولغانلار.

8 باشپاناھ قىلماق پەرۋەردىگارنى، ئەۋزەلدۇر يۆلەنچۈك قىلىشتىن ئىنساننى.

9 باشپاناھ قىلماق پەرۋەردىگارنى، ئەۋزەلدۇر تايانچ قىلماقتىن ھاكىملارنى.

10 قورشىۋالغان بولسىمۇ بارلىق يات ئەللەر مېنى، پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە مەغلۇپ قىلدىم مەن ئۇلارنى.

11 شۇنداق، قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ ئەتراپىمنى، پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە مەغلۇپ قىلدىم مەن ئۇلارنى.

12 قورشىۋالغان بولسىمۇ ئۇلار مېنى ھەرىلەردەك، ئۆچۈرۈلدى شۇنچە تېزدىن قۇرغاق تىكەن ئوتىدەك. پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە مەغلۇپ قىلدىم مەن ئۇلارنى.

13 يىقىلغىلى تاس قالغانىدىم ئىتتىرىلگەندە، بىراق، مەن يىقىلمىدىم پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە.

14 پەرۋەردىگار مۇناجىتىم ۋە كۈچ-قۇدرىتىم، بولدى ئۇ مېنىڭ نىجاتكارىم.

15 ھەققانىيلارنىڭ چېدىرلىرىدا نىجاتلىق تەنتەنىسى ياڭرىماقتا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈچلۈك ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا.

16 پەرۋەردىگارنىڭ كۈچلۈك ئوڭ قولى غەلىبە قىلماقتا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈچلۈك ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا.

17 مەن ئۆلمەيمەن، بەلكى ياشايمەن، پەرۋەردىگارنىڭ مۆجىزىلىرىنى بايان ئەيلەيمەن.

18 مېنى قاتتىق جازالىغان بولسىمۇ پەرۋەردىگار، ئەمما تاشلاپ قويمىدى ئۆلۈمگە زىنھار.

19 ھەققانىيلار كىرىدىغان دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىڭلار ماڭا، مەن كىرىپ، شۈكۈر ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا.

20 دەرۋازىسىدۇر بۇ پەرۋەردىگارنىڭ، كىرىش يولىدۇر ھەققانىيلارنىڭ.

21 ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن خۇدا، چۈنكى ماڭا جاۋاب بېرىپ نىجاتكار بولدۇڭ ماڭا.

22 كېرەكسىز بىلىنگەن تاش تامچىلارغا، ئۇلتاش بولدى قۇرۇلۇشقا.

23 پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئىشىدۇر بۇ، كۆز ئالدىمىزدا كارامەت بولدى ئۇ.

24 پەرۋەردىگار ياراتقان مۇشۇ كۈندە، خۇشاللىققا تولايلى قىلىپ تەنتەنە.

25 ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، قۇتقۇزغىن بىزنى، ئۆتۈنەي، مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغايسەن ئىشىمىزنى.

26 بەخت يار بولغاي پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە، بەخت تىلەيمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن سىلەرگە.

27 پەرۋەردىگار _ ياراتقۇچىدۇر، بىردىنبىر يېگانىدۇر. ئۇ چاچار نۇرىنى ئۈستىمىزگە. قۇربانلىقنى باغلاڭلار تانىلار بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجەكلىرىگە.

28 سەن مېنىڭ ئىلاھىمسەن، شۈكۈر ئېيتىمەن، سەن مېنىڭ ئىلاھىمسەن، ئۇلۇغلايمەن.

29 شۈكۈر ئېيتىڭلار خۇداغا، شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈگە داۋام قىلار.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan