زەبۇر 116 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى116-مۇناجات 1 مەن سۆيىمەن پەرۋەردىگارنى، چۈنكى ئۇ ئاڭلار نىدايىمنى، ئاڭلار مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈمنى. 2 قۇلاق سالغاچ ئۇ ماڭا، ئۆمۈرۋايەت نىدا قىلىمەن ئۇنىڭغا. 3 ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى، گۆرىستان ۋەھىمىسى قاپسىدى مېنى، قايغۇ، ھەسرەت ئىلكىگە ئالدى مېنى. 4 نىدا قىلدىم تىلغا ئېلىپ پەرۋەردىگار نامىنى، «قۇتقۇزغىن دەپ پەرۋەردىگار جېنىمنى.» 5 پەرۋەردىگار شەپقەتلىك، ھەققانىيدۇر، ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىز رەھىمدىلدۇر. 6 پەرۋەردىگار پاناھىدا ساقلايدۇ پاناھسىزنى، ئۇ بېشىمغا كۈن چۈشكەندە قۇتقۇزدى مېنى. 7 ھەي قەلبىم، قايتقىن ئەمدى ئارامگاھىڭغا، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىلتىپات ئەيلىدى ماڭا. 8 ئى خۇدا، ساقلىدىڭ ئۆلۈمدىن جېنىمنى، يىغا-زار قىلىشتىن كۆزلىرىمنى، پۇتلىشىپ كېتىشتىن پۇتلىرىمنى. 9 ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۈچۈن ياشايمەن پانىي ئالەمدە. 10 شۇنچە خار بولساممۇ يەنىلا، ئىشەنچ باغلىدىم مەن ساڭا. 11 لېكىن دېدىم مەن تەشۋىش ئارا: «يالغانچىدۇر ھەممە ئىنسانلار.» 12 پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتىغا، قانداق جاۋاب قىلاي ئۇنىڭغا؟ 13 نىجاتلىق قەدىھىنى سۇندۇم خۇداغا، شۈكۈر ئېيتىپ ئۇنىڭ نامىغا. 14 پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئالدىدا، قەسىمىمنى قىلىمەن ئادا. 15 ئۆلۈپ كەتسە تەقۋادار بەندىلىرى، پەرۋەردىگار ئەتىۋارلار ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى. 16 ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن، بەرھەق، سېنىڭ پېقىر قۇلۇڭدۇرمەن. ئازاد قىلدىڭ مېنى ئۆزۈڭ ئاسارەتتىن. 17 شۈكۈر قۇربانلىقى سۇنىمەن ساڭا، شۈكۈر ئېيتىمەن نامىڭغا، ئى خۇدا. 18 پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئالدىدا، قەسىمىمنى قىلىمەن ئادا. 19 ئىبادەتخانىنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا، ئەي يېرۇسالېم، تۇرۇپ سېنىڭ ئوتتۇراڭدا، قەسىمىمنى قىلىمەن ئادا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti