Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 115 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


115-مۇناجات

1 بولمىسۇن بىزگە ئى پەرۋەردىگار، بولمىسۇن بىزگە، بولسۇن مەنسۇپ شان-شۆھرەت پەقەت ئۆزۈڭگە، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ۋە چەكسىز ساداقىتىڭنى كۆرسەتتىڭ بىزگە.

2 مەسخىرە قىلىشىپ بىزنى يات خەلقلەر، «قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى» دېيىشەر.

3 بىزنىڭ خۇدايىمىز ئەرشئەلادا تۇرار، نېمە قىلىشنى خالىسا شۇ ئىشنى قىلار.

4 يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى ئالتۇن-كۈمۈش بۇتتۇر پەقەت، ئۇلارنى ئىنسان ئۆز قولىدا قىلىدۇ ئىجاد.

5 ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى تۇرۇپ سۆزلىيەلمەس، كۆزلىرى تۇرۇپ ھېچنېمىنى كۆرەلمەس.

6 قۇلاقلىرى تۇرسىمۇ ئاڭلىيالماس، بۇرنى تۇرۇپمۇ ھېچنېمىنى پۇرىيالماس.

7 قوللىرى بولسىمۇ، ئۇلار تۇتالماس، پۇتلىرى بولسىمۇ، ماڭالماس. كانايلىرىدىن ئاۋاز چىقىرالماس.

8 بۇتلارنى ياسىغانلار ۋە ئۇلارغا ئۈمىد باغلىغانلار، ئۆزلىرى ئاخىرى بۇتلىرىغا ئوخشاپ قالار.

9 ئەي ئىسرائىل ئەۋلادلىرى، تايىنىڭلار ئىگىمىزگە، ئۇ يۆلەنچۈك، قالقاندۇر سىلەرگە.

10 ئەي ھارۇن جەمەتى، تايىنىڭلار ئىگىمىزگە، ئۇ يۆلەنچۈك، قالقاندۇر سىلەرگە.

11 ئەي پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار، تايىنىڭلار ئىگىمىزگە. ئۇ يۆلەنچۈك، قالقاندۇر سىلەرگە.

12 پەرۋەردىگار بىزنى ياد ئېتەر، ئىسرائىل ئەۋلادىغا بەرىكەت بېرەر، ھارۇن جەمەتىگە بەرىكەت بېرەر.

13 ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلسا ئەگەر، كىچىكىدىن-چوڭىغىچە بەرىكەت بېرەر.

14 ئىگىمىزدىن سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارغا، ھەسسىلەپ بەخت-سائادەت ياغقاي دائىما.

15 ياراتقۇچى پەرۋەردىگار ئاسمان ۋە زېمىننى، سىلەرگە ئاتا قىلغاي چەكسىز بەختنى.

16 ئاسمانلار تەئەللۇقتۇر پەرۋەردىگارغا، زېمىننى ئۇ بەرگەن ئىنسانلارغا.

17 ئۆلۈكلەر سۈكۈتتىدۇر قەبرىلىكتە، مەدھىيەلەر بولماس گۆردە ئىگىمىزگە.

18 لېكىن بىز بۈگۈن ۋە تائەبەدكە، رەببىمىزنى تەرىپلەيمىز مەڭگۈگە. ھەمدۇسانا ئوقۇيلى ئىگىمىزگە!

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan