زەبۇر 114 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى114-مۇناجات 1 ئىسرائىللار مىسىردىن چىققىنىدا، ياقۇپ ئەۋلادى يات خەلقلەردىن ئايرىلغىنىدا، 2 يەھۇدا نەسلىنى ماكان قىلدى خۇدا، ئىسرائىللار خۇدانىڭ ئىلكىدىكى خەلق ئىدى. 3 دېڭىز بۇنى بىلىپ ياندى ئارقىغا، ئىئوردان دەرياسى بۇرۇلۇپ كەينىگە ئاقتى. 4 تاغلار چۆچۈپ سەكرىدى قوچقارلاردەك، دۆڭلەرمۇ ئۈركۈدى قوزىلاردەك. 5 ئەي دېڭىز، نېمىشقا قاچىسەن؟ ئەي ئىئوردان دەرياسى، نېمىشقا كەينىڭگە ئاقىسەن؟ 6 ئەي تاغلار، نېمىشقا سەكرەيسىلەر؟ ئەي دۆڭلەر، نېمىشقا ئۈركۈيسىلەر؟ 7 ئەي زېمىن، تەۋرەن رەببىڭنىڭ سىيماسىدىن، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ كەلگىنىدىن. 8 ئۇ تاشنى كۆلچەككە ئايلاندۇردى، ئۇيۇل تاشتىن بۇلاقنى پەيدا قىلدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti