زەبۇر 113 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى113-مۇناجات 1 پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار! ئەي ئۇنىڭ قۇللىرى، ئۇنى مەدھىيەلەڭلار، پەرۋەردىگار نامىغا مەدھىيەلەر ئېيتىڭلار. 2-3 تەرىپلەنسۇن نام-شۆھرىتى خۇدانىڭ ھازىرمۇ ۋە كېيىنمۇ تا ئاداققىچە. مەدھىيەلەنسۇن نام-شۆھرىتى خۇدانىڭ سۈبھى-تاڭدىن تاكى گۇگۇم-شامغىچە. 4 ھۆكۈمرانلىق قىلار خۇدا بارچە ئىنسان ئۈستىدىن، شان-شەرىپى بۈيۈكتۇر، ئۈستۈن تۇرار پەلەكتىن. 5-6 ھېچكىم تەڭ بولالماس ئىگىمىز پەرۋەردىگارغا، كىممۇ ئوخشار ئۇ ساماۋى تەختتە ئولتۇرۇپ، ئاسمان-زېمىنغا يۇقىرىدىن نەزەر سالغۇچىغا؟ 7 ئۇ قۇتقۇزار يوقسۇللارنى يوقسۇللۇق توزانىدىن، ئېلىپ چىقار ئۇ موھتاجلارنى موھتاجلىق ئەۋرىزىدىن. 8 ئولتۇرغۇزار ئۇلارنى شاھزادىلەر قېشىغا، ھەتتا ئۆز خەلقىنىڭ شاھزادىلىرى يېنىغا. 9 ئۇ شادلىق بېغىشلار تۇغماس ئايالغا، ئۆز ئۆيىدە قۇچىقىنى تولدۇرار بالىغا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti