زەبۇر 110 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى110-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات 1 پەرۋەردىگار ئېيتتىكى ئىگەمگە: «ئولتۇرغىن سەن مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا، مەن دەسسەتكۈچە دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىغا.» 2 پەرۋەردىگار زورايتار ھۆكۈمرانلىقىڭنى سىئوندىن، دەركى ئۇ: «سەن ھۆكۈم سۈرگىن دۈشمەنلىرىڭ ئۈستىدىن.» 3 سەن جەڭ قىلىدىغان كۈنى قوشۇنلىرىڭنى يىغقاندا، تەقۋادارلىرىڭ چىقار ئۆز ئىختىيارلىقىدا. سۈبھىدە كېلۇر نەۋقىرانلار ئالدىڭغا، خۇددى شەبنەم چۈشكەندەك سەن تۇرغان تاغقا. 4 پەرۋەردىگار ئۆزگەرتمەس قىلغان مۇنۇ قەسىمىنى: «مەڭگۈلۈك روھانىيدۇرسەن مالكىسىدىقنىڭ قاتارىدىكى.» 5 ئى پەرۋەردىگار، تۇرار ئىگەم سېنىڭ ئوڭ تەرىپىڭدە، پادىشاھلارنى بىتچىت قىلار غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈنىدە. 6 ئۇ ھۆكۈم چىقىرار خۇداسىز خەلقلەرگە، باشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتەر يەر يۈزىدە، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تولدۇرار جەسەتلەرگە. 7 ئىگەم يول ئۈستىدە بۇلاقتىن سۇ ئىچەر، كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ، مەيدىسىنى ئېگىز كۆتۈرەر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti