زەبۇر 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى11-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 پاناھلىق تاپقان تۇرسام پەرۋەردىگاردا، «قۇشقاچ كەبى ئۇچۇپ كەت ئۆز تېغىڭغا» دېگىنىڭلار نېمىسى ماڭا؟! 2 مانا يامانلار تارتىپ يايىنى، تەق قىلدى سېلىپ ئوقىنى، يوشۇرۇن ئاتماقچى بولۇپ ياخشىنى. 3 نېمىمۇ قىلالار ھەققانىي كىشى، بۇزۇلسا ھەققانىيلىقنىڭ ئۇللىرى؟ 4 پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەرشتىدۇر، ئۇ تۇرار مۇقەددەس دەرگاھىدا. كۆزىتىپ تۇرار ئۇ ھەممە ئىنسانلارنى، دىققەت بىلەن تىكىلگەندۇر كۆزلىرى ئىنسانلارغا. 5 پەرۋەردىگار كۆزىتەر ھەققانىي ۋە رەزىللەرنى، ئۆچ كۆرەر زوراۋانلىققا مەپتۇنلارنى. 6 قىزىق شامال، ئوت، گۈڭگۈرت، چوغلار، يامانلارنىڭ ھاياتىغا نېسىۋە بولار. 7 ھەققانىيدۇر پەرۋەردىگار، سۆيەر ھەققانىيلىقنى، پەقەت كۆڭلى دۇرۇسلار كۆرەر ئۇنىڭ چېھرىنى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti