زەبۇر 109 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى109-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 ئى مەدھىيەمنىڭ ئىگىسى خۇدا، سۈكۈت قىلىپ، ئۈنسىز تۇرما. 2 ھاقارەت قىلماقتا رەزىللەر ماڭا، يالغانچى تىلىدا چاپلاپ قارا. 3 نەپرەتلىك سۆزلىرى ئالدى مېنى قورشاۋغا، سەۋەبسىز ھۇجۇم قىلىپ ئۇلار ماڭا. 4 مۇھەببىتىمنى بەرسەممۇ مەن ئۇلارغا، شىكايەتلەر قىلدى ئۇلار قارشى ماڭا، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۈچۈن قىلىمەن دۇئا. 5 ياخشىلىقىمغا بەردى يامانلىقنى، سۆيگۈمگە بەردى نەپرەتنى. 6 بىر رەزىل ئادەم ئەيىبلىسۇن ئۇنى سوتتا، دەۋاگەردىن بىرسى بولسۇن ئوڭ يېنىدا. 7 ئەيىبكار بولۇپ چىقسۇن ئۇ سوراقتا، دۇئاسىمۇ گۇناھلىق بولسۇن ھەتتا. 8 ئۆمرى قىسقا بولسۇن، مەنسىپىنى باشقىسى ئالسۇن. 9 بالىلىرى يېتىم بولسۇن، خوتۇنى تۇل قالسۇن. 10 ئوغۇللىرى غېرىبانە ئۆيىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولسۇن، ياقا يۇرتلاردا رىزقىنى ئىزدەپ تىلەمچى بولسۇن. 11 تارتىۋالسۇن جازانىخورلار مال-مۈلكىنى، بۇلىۋالسۇن ياتلار ھەممە بىساتلىرىنى. 12 مېھرىبانلىق كۆرسەتمىسۇن ئۇنىڭغا ھېچكىم، كۆڭۈل بۆلۈپ يۈرمىسۇن بالىلىرىغا بىركىم. 13 قۇرۇتۇلۇپ ئۇنىڭ نەسلى، قالمىسۇن كېيىنكى ئەۋلادلىرى. 14 ئەجدادلىرىنىڭ قەبىھلىكى يادىدا بولسۇن خۇدانىڭ، ئۇنتۇلمىسۇن گۇناھلىرى ھەم ئانىسىنىڭ. 15 خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا بولسۇن دائىم گۇناھلىرى، يەر يۈزىدىن يوق قىلسۇن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىنى. 16 چۈنكى ئۇ مېھرىبانلىق كۆرسەتمەستىن باشقىلارغا، ئۆلتۈرمەك بولدى، بەلكى سېلىپ زۇلۇم ئېزىلگەن، دىلى سۇنۇق، يوقسۇللارغا. 17 ئۇ خۇشتار ئىدى لەنەت ئوقۇشقا، شۇڭا لەنەت كەلسۇن ئۇنىڭ بېشىغا. رايى يوق ئىدى بەخت تىلەشكە، شۇڭا بەخت يىراق بولسۇن ئۇنىڭغا. 18 ئۇ ئۆزىگە كىيىم قىلىپ كىيىدۇ لەنەتلەرنى، لەنەتلىرى ئاققان سۇدەك كىرسۇن ئىچىگە، سىڭىپ كەتسۇن ماي كەبى سۆڭەكلىرىگە. 19 لەنەتلىرى ئورىۋالسۇن ئۇنى تونىدەك، دائىم بېلىنى باغلىۋالسۇن بەلبېغىدەك. 20 پەرۋەردىگار ئەنە شۇنداق جازالىسۇن شىكايەتتە بولغانلارنى، ئەدەپلىسۇن، يامان سۆزلەر بىلەن ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى. 21 ئى رەببىم پەرۋەردىگار، نامىڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ياردەم قىل ماڭا، قۇتقۇز مېنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ بولغاچ ئەلا. 22 چۈنكى مەن ھاجەتمەن، بىچارە، دەردىممۇ جىق ئىچىمدە. 23 ھاياتىممۇ غۇۋالاشتى گۇگۇمدىكى كۆلەڭگىدەك، چەتكە قېقىلدىم قېقىۋېتىلگەن چېكەتكىدەك. 24 روزا تۇتۇپ پۇتۇمنىڭ مادارى كەتتى، تېنىم جۈدەپ، ھارغىنلىق يەتتى. 25 دۈشمەنلىرىم ئالدىدا بولدۇم رەسۋا، بېشىنى چايقار ئۇلار ماڭا قاراشقاندا. 26 پەرۋەردىگار، ئى رەببىم ياردەم قىل ماڭا، قۇتقۇز مېنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببەت سەندە بولغاچقا. 27 ئۇلار بىلسۇن بۇ ئىشنى سېنىڭ قىلغانلىقىڭنى، ماڭا نىجاتكار بولغۇچىنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى. 28 مەيلى ئۇلار ئوقۇۋەرسۇن لەنەت ماڭا، بىراق سەن ئاتا قىلىسەن بەخت ماڭا. ھۇجۇم قىلسا ئۇلار خىجالەتتە قالار، ئەمما مەنكى قۇلۇڭ شادلىققا تولار. 29 رەقىبلىرىم كىيىم قىلسۇن خىجالەتنى، تون قىلىپ يېپىنسۇن نومۇسنى. 30 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىمەن، ئۇنى ئاۋام ئىچىدە مەدھىيەلەيمەن. 31 چۈنكى ئۇ تۇرار موھتاجلارنىڭ ئوڭ يېنىدا، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغانلاردىن قۇتقۇزۇشقا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti