زەبۇر 108 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى108-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇڭلۇق مۇناجات 1 ئىشەنچىم كامىلدۇر ساڭا، ئى خۇدا! پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەدھىيە ئوقۇيمەن ناخشامدا. 2 ئەي لىرا، چىلتار ئويغان ئەمدى، قەسىدە ئوقۇپ ئويغىتايلى تاڭنى. 3 ئى پەرۋەردىگار، شۈكۈرلەر ئېيتىپ ساڭا، كۈيلەيمەن سېنى خەلقلەر، يات ئەللەر ئارا. 4 چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ئاسماندىن بىپايان، ساداقىتىڭ شۇنچە مولدۇر، بۇلۇتلارغا تاقاشقان. 5 ئى خۇدا، ئۇلۇغلۇقۇڭ كۆرسىتىلگەي ئاسمان-پەلەكتە، شان-شەرىپىڭ نامايان بولغاي پۈتكۈل يەر يۈزىدە. 6 دۇئايىمنى قىلىپ ئىجابەت، قۇتقۇز بىزنى ئوڭ قولۇڭدا، ئۆزۈڭ سۆيگەن بەندىلىرىڭ نىجاتلىق تاپار شۇندا. 7 خۇدا مۇنداق دېدى ئۆز مۇقەددەسلىكى بىلەن: «شادلىقتا خەلقىمگە بۆلۈپ بېرىمەن شەكەم دىيارىنى، تەقسىم قىلىپ بېرىمەن سۇككوت ۋادىسىنى. 8 گىلئاد رايونى مەنسۇپتۇر ماڭا، ماناسسەمۇ ھەم تەئەللۇق ماڭا. ئەفرايىم _ بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ سەلتەنەت ھاسامدۇر. 9 پۇت يۇيىدىغان قاچىدۇر موئاب ماڭا، چورۇقۇمنى تاشلايمەن ئىدومغا. چۇقان سالىمەن، فىلىستىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىمغا.» 10 كىم مېنى ئىدومغا زەپەر بىلەن باشلاپ كىرەر؟ كىم مېنى ئۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ بارار؟ 11 ئى خۇدا، بىزدىن ۋاز كەچتىڭمۇ؟ بىز بىلەن بىرگە بولمىدىڭ جەڭدىمۇ؟ 12 دۈشمەنگە قارشى بىزگە بول ياردەمدە، بىھۇدىدۇر زەپەر قازىنىش ئىنساننىڭ ياردىمىدە. 13 خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن جەڭ قىلىمىز باتۇرلارچە، ئىگەم ئۆزى دەسسەپ چەيلەر دۈشمىنىمىز تۈگىگۈچە. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti