زەبۇر 107 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5-بۆلەك 107-مۇناجات 1 شۈكۈر ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا، شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈككە داۋام قىلار. 2 ئېيتىڭلار بۇ مەدھىيەنى پەرۋەردىگار قۇتقۇزغانلار، بايان قىلىڭلار ياۋ قولىدىن قۇتقۇزۇلغانلار. 3 ئېيتىڭلار بۇ مەدھىيەنى ھەر يۇرتلاردىن يىغىلغانلار _ شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمالدىن كەلگەنلەر. 4 بەزىلىرى كېزىپ ئادەم ئاياغ باسمىغان باياۋاننى، تاپالمىدى ئادەم ماكان تۇتقان ھېچبىر يەرنى. 5 ئۇلار ئاچ، ئۇسسۇغانىدى، ئۈمىدلىرى ئۈزۈلگەنىدى. 6 كۈلپەتتە قالغىنىدا نىدا قىلغانىدى پەرۋەردىگارغا، پەرۋەردىگار چىقاردى ئۇلارنى كۈلپەتتىن ئازادلىققا. 7 تاپقۇچە ئۇلار ماكانلاشقۇدەك بىر يەرنى، تۈز يولغا باشلىدى خۇدا ئۇلارنى. 8 شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە، ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە. 9 ئۇ قاندۇرغۇچىدۇر ئۇسسۇزلۇقىنى چاڭقىغانلارنىڭ، ئۇ تويدۇرغۇچىدۇر ئېسىل نېمەتلەر بىلەن قورسىقىنى ئاچلارنىڭ. 10 بەزىلەر زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتا ياشىغانىدى، ئۇلار كىشەنلىنىپ، ئازاب چەككەن مەھبۇسلار ئىدى. 11 چۈنكى ئۇلار يەرگە ئۇرۇپ خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى، كۆزگە ئىلمىغانىدى ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۆرسەتمىلىرىنى. 12 دەرد تارتقۇزۇپ كەمتەر قىلدى خۇدا ئۇلارنى، يىقىلسىمۇ گەر ئۇلار چىقمىدى يۆلەيدىغان ھېچبىرى. 13 كۈلپەتتە قالغىنىدا نىدا قىلغانىدى پەرۋەردىگارغا، پەرۋەردىگار چىقاردى ئۇلارنى كۈلپەتتىن ئازادلىققا. 14 قاراڭغۇ زۇلمەتتىن چىقاردى ئۇلارنى، سۇندۇرۇپ زەنجىر-ئاسارەتلىرىنى. 15 شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە، ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە. 16 پاچاقلاپ تاشلىدى ئۇ تۇچ دەرۋازىلارنى، چېقىپ تاشلاپ تۆمۈر تاقاقلارنى. 17 بەزىلەر ھاماقەت بولدى گۇناھلىرىدىن، دۇچار بولدى ئازابلارغا قەبىھلىكلىرىدىن. 18 يېمەكلىكلەردىن بولۇپ بىزار، بېرىپ قالدى ئۆلۈم گىردابىغا ئۇلار. 19 كۈلپەتتە قالغىنىدا نىدا قىلغانىدى پەرۋەردىگارغا، پەرۋەردىگار چىقاردى ئۇلارنى كۈلپەتتىن ئازادلىققا. 20 كېسەللىرى تېپىپ شىپا خۇدانىڭ كالامىدىن، قۇتقۇزدى ئۇلارنى ئۆلۈم گىردابىدىن. 21 شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە، ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە. 22 سۇنۇپ خۇداغا مىننەتدارلىق قۇربانلىقىنى، مەدھىيەگە قېتىڭلار ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى. 23 بەزىلەر ئولتۇرۇپ كېمە-پاراخوتلاردا، تىرىكچىلىك قىلاتتى دېڭىزلاردا. 24 گۇۋاھچىدۇر ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتىگە، چوڭقۇر دېڭىزلاردا كۆرسەتكەن كارامەتلىرىگە. 25 ئەمرى بىلەن ھۆركىرىتىپ بورانلارنى، پەيدا قىلغانىدى ئۇ دولقۇنلارنى. 26 كېمىلەر گاھ كۆتۈرۈلۈپ ئاسمان-پەلەككە، گاھ چۈشكىنىدە دولقۇن تەكتىگە، ئۇلار خەتەردىن چۈشكەنىدى ساراسىمىگە. 27 ئۇلار گويا مەستلەردەك دەلدەڭشىيتتى، ھېچقانداق چارە-ئامالى قالمىغانتى. 28 كۈلپەتتە قالغىنىدا نىدا قىلغانىدى پەرۋەردىگارغا، پەرۋەردىگار چىقاردى ئۇلارنى كۈلپەتتىن ئازادلىققا. 29 ئۇ بوراننى توختاتتى، دولقۇنلارمۇ تىنچىدى. 30 شادلاندى ئۇلار تىنچىتقاچقا دولقۇننى، نىشان قىلغان پورتقا يېتەكلىدى خۇدا ئۇلارنى. 31 شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە، ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە. 32 ئۇلار خەلق ئارىسىدا ئۇلۇغلىسۇن خۇدانى، ئاقساقاللار مەجلىسىدە مەدھىيەلىسۇن خۇدانى. 33-34 گۇناھ قىلسا بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى، باياۋانغا ئايلاندۇرۇلار دەريالىرى، سۈيى تۈگەپ قاغجىرار بۇلاقلىرى، شورلۇق تۇپراق بولار مۇنبەت يەرلىرى. 35 ئۇ يەنە كۆل قىلار چۆل-باياۋاننى، بۇلاقلارغا ئايلاندۇرار چاڭقاق يەرلەرنى. 36 ئاچلارنى جايلاشتۇرۇپ ئاشۇ يەرگە، ئايلاندۇرار ئۇ يەرنى بىر شەھەرگە. 37 ئۈزۈم تىكىپ، يەر تېرىپ ئۇلار، ئالىدۇ مول ھوسۇللار. 38 بەرىكەت بەرگەچ ئۇلارغا پەرۋەردىگار، زور كۆلەمدە سانى ئاۋۇپ ئۇلارنىڭ، زىيادە بولار ئۇلاردا مال-ۋارانلار. 39 زۇلۇم، كۈلپەت، دەرد سېلىپ دۈشمەنلىرى، ناۋادا خورلىنىپ، ئازىيىپ كەتسە سانلىرى، 40 ياۋ ھۆكۈمدارلىرىنى شەرمەندە قىلىپ پەرۋەردىگار، ئۇلارنى دەشت-چۆل، باياۋاندا سەرسان قىلار. 41 زۇلۇمدىن ئازاد قىلىپ مىسكىنلەرنى، قوي پادىسىدەك كۆپ قىلىدۇ ئەۋلادلىرىنى. 42 بۇنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ ھەققانىيلار، ئاغزى ئېتىلىپ، ئۈنسىز تۇرار پاسىقلار. 43 كۆڭۈل قويسۇن بۇ ئىشلارغا ئەقلى بارلار، خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى چۈشەنسۇن ئۇلار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti