Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 106 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


106-مۇناجات

1 ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا، شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار ئۇنىڭغا. چۈنكى پەرۋەردىگار شاپا‏ئەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر.

2 قۇدرىتىنى خۇدانىڭ كىممۇ تولۇق تەرىپلىيەلەر؟ كىم ئۇنىڭغا ئېيتالار مۇكەممەل مەدھىيەلەر؟

3 نەقەدەر بەختلىك-ھە، ئادالەتلىك ئىش قىلغانلار، ھەر دائىم ھەققانىيەت يولىنى تۇتقانلار.

4 ئى پەرۋەردىگار، ئالغايسەن مېنى ئېسىڭگە، ھىممىتىڭنى كۆرسەتكىنىڭدە ئۆز خەلقىڭگە. خەۋەر ئالغىن ھالىمدىن نىجاتلىقىڭ كەلگەندە.

5 ئۆزۈڭ تاللىغان خەلقىڭنىڭ ئىقبالىنى كۆرەي، ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە جور بولۇپ كۈلەي، ساڭا مەنسۇپ خەلقىڭ بىلەن ماختىنىپ يۈرەي.

6 خۇددى ئەجدادلىرىمىزدەك بىزمۇ گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، رەزىل، ئىپلاس ھەم يامان ئىشلارنى ھەممىمىز قىلدۇق.

7 ئەجدادلىرىمىز مىسىردىكى چېغىدا، مەنسىتمىگەنىدى خۇدانىڭ مۆجىزىلىرىنى. ئىسيان كۆتەرگەنىدى ئۇلار قىزىل دېڭىز بويىدا، ئېسىدىمۇ تۇتماستىن خۇدانىڭ مۇھەببىتىنى.

8 ئەمما پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قۇدرىتىنى نامايان قىلغانىدى.

9 ئۇنىڭ ئەمرى بىلەن سۈيى قۇرۇپ قىزىل دېڭىزنىڭ، ئۇلارنى خۇددى چۆللۈكتە ئېلىپ ماڭغاندەك دېڭىز ئاستىدىن يېتەكلەپ ماڭغانىدى.

10 پەرۋەردىگار ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قوللىرىدىن ئازاد قىلدى، رەقىبلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى.

11 دۈشمەنلىرى سۇ ئاستىدا غەرق بولدى، ئۇلاردىن بىرەرسىمۇ ھايات قالمىدى.

12 شۇندىلا خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئىشەندى ئۇلار، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ ئوقۇدى كۈي-ناخشىلار.

13 لېكىن ئۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنتۇدى پەرۋەردىگارنى، راۋا كۆرمىدى ئۆزلىرىگە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى.

14 ئۇلار چۆلدە نەپسىگە تەسلىم بولدى، ھەم پەرۋەردىگارنى سىناپ كۆردى.

15 تەلەپ قىلغان نەرسىسىنى پەرۋەردىگار بەردى ئۇلارغا، بىراق بىر كېسەلنى كۈشەندە قىلىپ ئەۋەتتى ئۇلارغا.

16 چېدىرلىرىدا ئۇلار ھەسەت قىلدى ھەزرىتى مۇساغا، ۋە خۇدا تاللىغان مۇقەددەس روھانىي ھارۇنغا.

17 شۇنىڭ بىلەن يەر يېرىلىپ داتاننى يۇتۇۋالدى، ئابىرامنى ھەمراھلىرى بىلەن قاپسىۋالدى.

18 ھەمراھلىرى ئارىسىغا ئوت چۈشۈرۈلگەنىدى، ئوت يالقۇنى رەزىللەرنى كۆيدۈرۈۋەتتى.

19 موزاي بۇتنى ياساپ ئۇلار سىناي تېغىدا، سەجدە قىلىپ چوقۇندى شۇ ئالتۇن بۇتقا.

20 چۆپ يەيدىغان بىر كالىنىڭ بۇتىنى ئۇلار، قويدى شان-شەرەپلىك پەرۋەردىگارنىڭ ئورنىغا.

21 ئۇنتۇدى ئۇلار قۇتقۇزغۇچىسى خۇدانى، مىسىردا ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغۇچىنى.

22 كارامىتىنى كۆرسىتىپ قىزىل دېڭىزدا، ھام دىيارىدا مۆجىزىلەر ياراتقۇچىنى.

23 شۇڭا خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلماق بولغانىدى، لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان مۇسا چىقىپ رەھىم تىلەپ خۇدانىڭ غەزىپىنى باسقانىدى.

24 ئۇلار بۇ گۈزەل زېمىنغا كىرىشنى رەت قىلدى، پەرۋەردىگارنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىدى.

25 قاقشاپ تۇرۇپ ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىدا، قۇلاق سالمىدى پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا.

26 شۇڭا خۇدا قولىنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ، دېدىكى: «ئۇلارنى چۆللەردە يوقىتىمەن.

27 ئەۋلادلىرىنى يات ئەللەردە ۋەيران قىلىپ، ياقا يۇرت، يىراقلارغا تارقىتىمەن.»

28 پېئور تېغىدا ئۇلار بائال ئىلاھىغا چوقۇنۇپ، ئۆلۈكلەرگە ئاتالغان قۇربانلىقلارنى يېيىشتى.

29 قىلمىشلىرى ئۇلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى خۇدانىڭ، شۇ ۋەجىدىن ۋابا كېسەل تارقالدى ئارىسىغا ئۇلارنىڭ.

30 شۇڭا پىنىخاس چىقىپ ئوتتۇرىغا، توختاتتى ئۇ ۋابانى دادىللىقىدا.

31 بۇنىڭ بىلەن پىنىخاس ھەققانىي دەپ ھېسابلاندى، ئۇنىڭ تۆھپىسى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە تارقالدى.

32 خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى ئۇلار يەنە مىرىبادا پەيدا بولغان سۇنىڭ بويىدا. بۇ سەۋەبلىك ئازار يەتتى مۇساغا.

33 چۈنكى ئۇلار مۇسانىڭ جېنىغا تەگكەچ، بىخەستەلىك قىلىپ مۇسا سۆزلەپ سالدى ئۇلارغا.

34 پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ ھالاك قىلماي ھەممە يات ئەللەرنى،

35 ئەكسىچە ئارىلىشىپ ئۇلار بىلەن ئۆگەندى ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى.

36 چوقۇندى ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا، ھالاكەت ئېلىپ كەلدى بۇت ئۇلارغا.

37 قىز-ئوغۇللىرىنى ئاتىدى قۇربانلىققا، بېغىشلاپ ئۇلارنى جىن-شەيتانغا.

38 ئاتاپ كەنئاندىكى بۇتلارغا، ئۇلار تۆكتى قىز-ئوغۇللىرىنىڭ بىگۇناھ قانلىرىنى، قانلار بۇلغىدى زېمىننى.

39 پاھىشە ئايالدەك بولدى ئۇلارنىڭ ئىشلىرى، بۇلغىدى ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى.

40 پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان خەلقىگە غەزەپلەندى، پەقەت ئۆزىگىلا تەۋە بولغان قوۋمىدىن نەپرەتلەندى.

41 شۇڭا ئۇلارنى تاشلاپ بەردى يات ئەللەرنىڭ قولىغا، ئۆچمەن بولۇپ كەلگەنلەر ھۆكۈمرانلىق قىلدى ئۇلارغا.

42 رەقىبلىرى قولىدا ئېزىلدى ئۇلار، قەددىنى پۈكۈپ، بېشىنى ئەگدى ياۋلار.

43 تالاي قېتىم قۇتقۇزسىمۇ ئۇلارنى پەرۋەردىگار، ئەمما قەستەن بويسۇنۇشنى رەت قىلىپ كەلگەچ، بولدى گۇمران ئاخىردا گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار.

44 شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلىغاندا، رەھىمدىللىك بىلەن نەزەر سالدى خۇدا جاپالىرىغا.

45 ئۇلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئەھدىسىنى ئېسىگە ئېلىپ، مېھىر-مۇھەببىتى بىرلە بۇرۇنقى نىيىتىدىن يېنىپ،

46 ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلدۇردى، ئۇلارنى ئەسىر ئالغۇچىلارنىڭ دىلىغا سېلىپ.

47 ئى خۇدايىمىز پەرۋەردىگار، قۇتقۇزغىن بىزنى، قايتا يىغىپ ئەكەلگىن يۇرتىمىزغا بىزلەرنى. شۇندا سېنى مەدھىيەلەيلى، كۈيلەيلى، شۇ مۇقەددەس نامىڭغا شۈكۈر-رەھمەت ئېيتايلى.

48 مەدھىيەلەنگەي مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار! خالايىقلار «ئامىن» دېسۇن بىرلىكتە! پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan