Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 105 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


105-مۇناجات

1 پەرۋەردىگارغا شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ شەنىگە مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار، كارامەتلىرىنى ئەللەر ئارا بايان قىلىڭلار!

2 خۇدانى كۈيلەڭلار قېتىپ ناخشا-نەغمىگە، مۆجىزىلىرىنى ئۇنىڭ جاكارلاڭلار ھەممىگە.

3 ئۇلۇغلاڭلار مۇقەددەس خىسلەتلىرىنى خۇدانىڭ، قەلبى شادلانسۇن پەرۋەردىگارنى سېغىنغانلارنىڭ.

4 تەلپۈنۈڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىگە-كۈچىگە، ئىنتىلىڭلار ھەم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا-مېھرىگە.

5 ئېسىڭلاردا بولسۇن ئۇنىڭ كارامەتلىرى، مۆجىزىلىرى ۋە چىقارغان ھۆكۈملىرى.

6 ئى خۇدانىڭ قۇلى، ئىبراھىمنىڭ نەسىللىرى، ئۇ ئۆزى تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى.

7 ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەممە يەردە كۈچكە ئىگىدۇر.

8 ئۇنىڭ تۈزگەن ئەھدىسى ئەبەدىي يادىدىدۇر، بۇ ئۇنىڭ ئاداغقىچە ۋەدە قىلغان سۆزىدۇر.

9 پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى، ئىسھاققىمۇ قەسەم ئىچكەنىدى.

10 ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام قىلىپ بەرگەنىدى. ئىسرائىلغا مەڭگۈلۈك ئەھدە قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى:

11 «كەنئان زېمىنىنى سېنىڭ مۈلكۈڭ قىلىمەن، ئۇنى ساڭا تەئەللۇق نېسىۋەڭ قىلىمەن.»

12 ئۇ چاغدا ئۇلار ناھايىتى ئاز سانلىق ئىدى، نەزەردە يوق ھەم مۇساپىر ئىدى.

13 ئۇلار يۇرتمۇ-يۇرت سەرسان ئىدى، ئەلدىن-ئەلگە كېزەر ئىدى.

14 خۇدا ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئېزىشىگە يول قويمىدى، ئۇلارنى دەپ، پادىشاھلارنىمۇ مۇنداق ئاگاھلاندۇردى:

15 «مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا چېقىلماڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە زىيانكەشلىك قىلماڭلار.»

16 ئاچارچىلىق بەردى خۇدا كەنئانغا، زار قىلدى ئۇلارنى ئاش-نانغا.

17 خۇدا ئۇلارنى دەپ ئالدىنئالا يۈسۈپنى مىسىرغا ئەۋەتكەنىدى، ئاكىلىرى ئۇنى قۇل قىلىپ ساتقانىدى.

18 ئۇنىڭ پۇتلىرى زەنجىردە زەخىملەنگەنىدى، بوينىغا بويۇنتۇرۇق سېلىنغانىدى.

19 ئۇ تاۋلاندى پەرۋەردىگارنىڭ بېشارىتى كۆرۈلگۈچە، خۇدا يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرسەتكەنلىرى ئىسپاتلانغۇچە.

20 ئۇنى ئازاد قىلىشقا پىرئەۋن ئەمر قىلدى، ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانى ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بەردى.

21 پىرئەۋن ئۇنى ئوردىسىغا غوجىدار قىلدى، بارلىق مال-مۈلكىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلىدى.

22 بەردى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا ۋەزىرلىرىنى، دانالىق ئۆگىنىشكە تاپشۇردى ئاقساقاللىرىنى.

23 شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار مىسىرغا كەلدى، ھامنىڭ زېمىنىدا ياقۇپ ئەۋلادلىرى مۇساپىر بولدى.

24 ئۇلارنى كۆپ نەسىللىك قىلدى پەرۋەردىگار، ھەم دۈشمەنلىرىدىن كۈچلۈك بولدى ئۇلار.

25 شۇڭا ئۇلاردىن بىزار بولۇپ مىسىرلىقلار، ھىيلە-مىكىر مۇئامىلىدە بولدى ئۇلار.

26 ئاندىن ئەۋەتتى خۇدا ئۆز قۇلى مۇسانى، يوللىدى ئۆز تاللىغىنى ھارۇننى.

27 خۇدانىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلدى ئۇلار مىسىردا، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرسەتتى ھام زېمىنىدا.

28 زېمىننى زۇلمەت قىلسىمۇ قاراڭغۇلۇقىدا پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەتسىزلىك قىلمىدى ئۇلار.

29 قان قىلدى خۇدا مىسىرنىڭ سۇلىرىنى، ئۆلتۈرۈۋەتتى ئۇلارنىڭ بېلىقلىرىنى.

30 پاقا ئاپىتى قاپلىدى يەرلىرىنى، قاپلىدى ھەتتا پاقىلار پادىشاھ سارىيىنى.

31 خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن قاپلىدى غۇژ-غۇژ چىۋىنلار، ھەممە يەرنى باستى غىڭ-غىڭ پاشىلار.

32 يامغۇر ئورنىغا مۆلدۈر ياغدى، مىسىرنى چاقماق ئۇردى.

33 نابۇت بولدى ئەنجۈر دەرىخى، ئۈزۈم تاللىرى، ۋەيران بولدى دەرەخلەرنىڭ بارلىقى.

34 خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن كەلدى يەنە چېكەتكىلەر، مىژىلداپ كەلدى سان-ساناقسىز چېكەتكىلەر.

35 قويمىدى ئۇلار بارلىق گىياھلارنى، يەپ تۈگەتتى ئېتىزلاردا ھوسۇللارنى.

36 ئاخىرىدا ئۆلتۈردى خۇدا مىسىردىكى تۇنجى بالىلارنى _ ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان بىرىنچى ئوغۇللارنى.

37 ئۇ ئىسرائىللارنى سەپەرگە ئالتۇن-كۈمۈش بايلىق بىلەن چىقاردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساغلام ھەم كۈچلۈك ئىدى.

38 ئۇلارنىڭ كەتكىنىگە مىسىرلىقلار خۇشال بولدى، چۈنكى مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن بەك قورققانىدى.

39 پەرۋەردىگار بۇلۇتنى سايىۋەن قىلدى، تۈندە ئۇلارغا ئوتنى نۇر قىلىپ بەردى.

40 ئۇلار خۇدادىن تىلىگەنىدى، بۆدۈنە ئاتا قىلدى، توقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئاسماندىن نان چۈشۈردى.

41 تاشنى يېرىپ ئارىلىقلىرىدىن سۇ چىقاردى، قاقاس چۆلدە ئېقىن-دەريا پەيدا قىلدى.

42 بەرھەق خۇدا مۇقەددەس ۋەدىسىنى ئۇنتۇمىدى، قۇلى بولغان ئىبراھىمنى ئەس-يادىدا ساقلىدى.

43 ئۇ خەلقىنى چىقاردى مىسىردىن شاد قىلىپ، ھۆرلۈكىگە تەنتەنە قىلدى خەلقى ناخشا ئېتىپ.

44 يات ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بەردى ئۇلارغا پەرۋەردىگار، باشقىلارنىڭ ئەجىر-مېھنەتلىرىگە مۇيەسسەر بولدى ئۇلار،

45 شۇڭا ئىتائەت قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىغا، بويسۇنۇڭلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىغا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا!

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan