زەبۇر 104 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى104-مۇناجات 1 ئەي قەلبىم، ھەمدۇسانا ئېيتقىن پەرۋەردىگارغا! شان-شەۋكەتلىك، ھەيۋەتلىكسەن، ئى خۇدا، ئىلاھىم تەڭداشسىزسەن ئۇلۇغلۇقتا. 2 لىباسىڭدۇر يورۇقلۇق، سەن ئۇنىڭغا پۈركەنگەن، ئاسمىنىڭنىڭ گۈمبىزى چېدىر كەبى تىكىلگەن. 3 ئەرشتىكى تۇرارگاھىڭ لىملىرىنى ئورنىتىپسەن كۆكتىكى سۇلارغا، جەڭ ھارۋىسى كەبى قىلىپ بۇلۇتنى، ماڭدۇرۇپسەن شامالنىڭ قانىتىدا. 4 شامال قىلىسەن پەرىشتىلىرىڭنى، ئوت يالقۇنى قىلىسەن خىزمەتكارلىرىڭنى. 5 ئورنىتىپسەن يەرنى شۇنچە مۇكەممەل ئۇ ئۇلىدىن ھېچبىر زامان تەۋرەنمەس. 6-7 دېڭىز يەرنى لىباس كەبى ئورىغان، چوققىلارمۇ سۇ ئاستىدا قالغانتى. گۈلدۈرماماڭ ئەيمەندۇرگەچ سۇلارنى، سۇلار تېزدىن ئۆز ئورنىغا يانغانتى. 8 تاغلار كۆرۈنۈپ، ۋادىلارمۇ ئايان بولدى، سۇلار ھەم سەن بۇيرۇغان يەرگە كېلىپ جايلاشتى. 9 دېڭىز سۈيى تېشىپ يەنە باسمىسۇن دەپ زېمىننى، سەن ئۇلارغا چەك قويۇپ سىزدىڭ چېگرا سىزىقنى. 10-11 سەن بولغاچ ۋادىدا بۇلاق كۆزى ئېچىلىپ، تاغلار ئارا شىلدىرلاپ ئاقتى سۇلىرى. سۇلار ئىچسە ئۇنىڭدىن دالادىكى جانىۋارلار، قانار ئىدى ھەتتاكى ياۋا ئېشەكنىڭ تەشنالىقى. 12 سۇ بويىغا قۇشلارمۇ كۆكتىن چۈشۈپ قونىدۇ، دائىم ئۇلار شاخلاردا تاقلاپ يۈرۈپ سايرايدۇ. 13 ئەرشتىكى سۇ بىلەن سۇغىرىسەن تاغلارنى، ئۆزۈڭ ئۆستۈرگەن مېۋىگە تولدۇرىسەن زېمىننى. 14 چارۋا ئۈچۈن دالىدا ئوت-چۆپلەرنى ئۆستۈردۈڭ، ئوزۇقىنى ئىنسانلار قارا يەردىن ئالسۇن دەپ، ئېتىزلاردا زىرائەت-كۆكتاتلارنى ئۆستۈردۈڭ. 15 كۆڭۈللەرنى شاد ئەيلىسەڭ شارابتا، قۇۋۋەت بەردىڭ نېنىڭ بىلەن تەنلەرگە، جىلۋە بەردىڭ مېيىڭ بىلەن يۈزلەرگە. 16 لىۋاندىكى كېدىر دەرەخلىرى پەرۋەردىگار تىككەندۇر ئۇنى، خۇدا قانغۇچە سۇغىرار ئۇلارنى. 17 ئۇ دەرەخلەرگە قۇشلار كېلىپ ئۇۋا ياسار، ئارچا دەرەخلىرى لەيلەكنىڭ ئۆيى بولار. 18 تاغ ئۆچكىلىرى تاغلاردا ئوينار، تىك قىيا سۇغۇرغا پاناھ بولار. 19 ئى خۇدا، پەسىللەرنى ئايرىش ئۈچۈن ئاينى ياراتتىڭ، قۇياشقىمۇ پاتىدىغان ۋاقىتنى بىلدۈردۈڭ. 20 قاراڭغۇلۇق چۈشۈرسەڭ كېچە بولىدۇ، ئورمانلاردا جانلىقلار شىپىرلاپ كېزىپ يۈرىدۇ. 21 ئارسلانلار ئولجا ئىزدەپ ھۇۋلىشار، رىزىقلىرىنى ئۇلار، خۇدا سەندىن سورار. 22 قۇياش چىقسا ئۇلارمۇ ئۇۋىسىغا قايتار، قايتىپ كېلىپ ئۇۋىسىدا ئارام ئالار. 23 ھەممە ئادەم ئۆز ئىشىغا مېڭىشار، ئەتىگەندىن كەچكىچە مېھنەت قىلار. 24 پەرۋەردىگار ياراتقان مەخلۇقاتلىرىڭ شۇنچە كۆپتۇر. سەن ياراتقان جانلىقلار بىلەن تولغاندۇر زېمىن يۈزى، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ھېكمىتىڭنىڭ مېۋىسىدۇر. 25 ئەنە ئالدىڭدا بىپايان دېڭىز ياتار، ئۇنىڭدا سان-ساناقسىز جانلىق ياشار، ھەم ئۇلارنىڭ چوڭى ۋە كىچىكى باردۇر. 26 ئۇندا يەنە سەن ياراتقان لىۋياتان بار، ئۈستىدە ئۇنىڭ قېيىق بىلەن كېمە قاتنار. 27 ئۇلار سەندىن رىزقى ئۈچۈن ئوزۇق كۈتەر، ئوزۇق ئۈچۈن جامالىڭغا تەلمۈرەر. 28 ئوزۇقىنى ئۇلار سېنىڭ قولۇڭدىن ئالار، شۇ ئوزۇقتا ئۇلارنىڭ قورسىقى تويار. 29 دەككە-دۈككىگە چۈشەر ئۇلار جامالىڭنى يوشۇرغىنىڭدا، جان ئۈزۈپ قارا يەرگە قايتار، نەپەسلىرىنى توختاتقىنىڭدا. 30 سەن ئۆز نەپىسىڭنى ئەۋەتكىنىڭدە ئۇلار يارىتىلار، پۈتۈن يەر يۈزى يېڭىلىنار. 31 پەرۋەردىگارنىڭ شۆھرىتى ئەبەدىي بولغاي، پەرۋەردىگار ياراتقانلىرىدىن خۇرسەن بولغاي. 32 پەرۋەردىگار يەرگە باقسا زېمىن تىترەر، تاغقا تەگسە ئوتلار يېنىپ، تۈتۈن چىقار. 33 ناۋادا جېنىم تەندە بولسىلا مەدھىيە ئوقۇيمەن خۇدايىمغا، مەڭگۈ ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ئۇنىڭغا. 34 ئويلىرىمدىن خۇدا رازى بولغاي، چۈنكى پەرۋەردىگاردىن بولدۇم خۇشال، 35 گۇناھكارلار يەر يۈزىدە قالمىغاي، رەزىللەر زاۋال تاپقاي. ھەمدۇسانا ئېيتقىن ئەي قەلبىم پەرۋەردىگارغا، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار ھەممىڭلار ئۇنىڭغا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti