زەبۇر 102 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى102-مۇناجات ئېزىلىپ ھالىدىن كەتكەن بىر ئادەمنىڭ پەرۋەردىگارغا داد-پەرياد قىلىپ قىلغان دۇئاسى. 1 ئاڭلىغايسەن پەرۋەردىگار دۇئايىمنى، تىڭشىغايسەن مېنىڭ قىلغان پەريادىمنى. 2 يوشۇرمىغىن دىدارىڭنى مەندىن خۇدا كۈلپەتتە قالغىنىمدا، نىدا قىلسام قۇلاق سېلىپ تېزدىن جاۋاب بەرگىن ماڭا. 3 ئۆمرۈم مېنىڭ ئىس-تۈتەكتەك كەتمەكتە غايىب بولۇپ، ۋۇجۇدۇم ئۆرتەنمەكتە ئوتتەك كۆيۈپ. 4 يۈرىكىم قۇرۇق چۆپتەك قۇرۇپ كەتتى. ئىشتىھاسىز، تامىقىم ئازلاپ كەتتى. 5 ھەسرەت ۋە نادامەتتە كۆپ قىينالدىم، ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدىم. 6 مەن گويا باياۋاندا ئۇچۇپ يۈرگەن تازقارىمەن، ۋەيرانە خارابىنى ماكان قىلغان ھۇۋقۇشمەن. 7 مەن گويا ئۆگزىدىكى يېتىم قۇشمەن، ياتساممۇ كۆزۈم ئوچۇق، ئۇيقۇسىزمەن. 8 كۈنبويى مەسخىرە قىلار مېنى دۈشمەنلىرىم، ھاقارەتلىك سۆزگە يانداش بولۇپ قالدى مېنىڭ ئىسمىم. 9-10 سەن قەھر-غەزەپ قىلغاچ ماڭا، كۈل يېدىم قورسىقىمغا نان ئورنىغا. كۆز يېشىمسىز ئىچەلمەيمەن ئىچىملىكىمنى، بەرھەق، خۇدا ئەخلەت كەبى تاشلىدىڭ مېنى. 11 گۇگۇمدىكى كۆلەڭگىدەك ھاياتىممۇ غۇۋالاشتى، تېنىم چۆپتەك بولۇپ قاقشال-غازاڭلاشتى. 12 لېكىن تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر پەرۋەردىگار، شۆھرىتىڭ ئەلمىساقتىن تائەبەدكە داۋاملىشار. 13 سەن ياردىمىڭنى ئايىماي، سىئونغا رەھىم قىلىسەن، چۈنكى ئۇنىڭغا مېھرىبان بولۇپ، ياردەم قىلىش ۋاقتى كەلدى، شۇنداق، ياردەم قىلىشنىڭ ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. 14 قۇللىرىڭ تاشلىرىنى چىن قەلبىدىن سۆيەر سىئوننىڭ، خاراب بولغان تۇپرىقىغا ئىچىنى ئاغرىتىپ ئۇنىڭ. 15 بارچە ئەللەر نامىڭغا ھۆرمەت قىلار پەرۋەردىگار، شەرىپىڭدىن ئەيمىنەر ئالەمدىكى ھەممە شاھ، ھۆكۈمرانلار. 16 پەرۋەردىگار سىئوننى قايتا قۇرار، شان-شۆھرىتى خۇدانىڭ نامايان بولار. 17 قوبۇل قىلار پەرۋەردىگار مىسكىننىڭ دۇئاسىنى، رەت قىلمايدۇ غېرىبنىڭ پەريادىنى. 18 كېلىچەك بىر ئەۋلاد ئۈچۈن خاتىرىلەڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىنى، كەلگۈسىدە خەلقلەر مەدھىيەلىسۇن خۇدانى. 19-20 چۈنكى خۇدا ئاڭلاي دەپ، مەھبۇسلارنىڭ ئاھ-زارىنى، ئازاد قىلاي دەپ، يەنە ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى. نەزەر سالدى ئۈستىمىزگە مۇقەددەس ماكانىدىن، قارىدى زېمىن تامان پەرۋەردىگار ئەرشئەلادىن. 21-22 پادىشاھلار، قوۋملار جەم بولغىنىدا، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغىنىدا. ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلار سىئوندا، شەنىگە مەدھىيە ئوقۇر يېرۇسالېمدا. 23 بىراق خۇدا ئاجىز قىلدى قىران ۋاقتىمدا، ھاياتىمنى قىسقارتتى ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا. 24 يىللىرىڭنىڭ چېكى يوقتۇر ئى خۇدا، جېنىمنى ئالما ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا. 25 دۇنيانى يارتقانتىڭ ئەلمىساقتا، ئاسمانمۇ بەرپا بولدى ئۆز قولۇڭدا. 26 بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ، سەن بولساڭ ئەبەدىي ۋە مەڭگۈلۈكسەن. ئۇلار گويا كىيىمدەك كونىرىغاندا، سەن ئۇلارنى كىيىم كەبى ئالماشتۇرىسەن. ئاسمان-زېمىن يوق بولار بىردىنلا. 27 لېكىن سەنلا ئۆزگەرمەس پەرۋەردىگار، پەقەت سەندە ئەبەدىي ھاياتلىق بار. 28 خاتىرجەم ياشايدۇ قۇللىرىڭنىڭ بالىلىرى، ھۇزۇرۇڭدا گۈللەپ ياشنار ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti