زەبۇر 101 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى101-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات 1 كۈيلەيمەن مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ۋە ئادالىتىڭنى، ئى پەرۋەردىگار كۈيلىرىمگە قاتىمەن سېنى. 2 يولۇم توغرا بولسىمۇ ئېھتىيات قىلىپ ماڭىمەن، پەرۋەردىگار قاچانمۇ ياردەمگە كېلەرسەن؟ 3 خىيالىمغا كەلمەس ئەسلا پاسىق قىلمىش، رەزىللىك، يولدىن چىققان ئازغۇنلارغا نەپرىتىم بار شۇنچىلىك، ئۇلار قىلغان گۇناھلارغا ھەۋىسىم يوق قىلچىلىك. 4 كۆڭلۈم مېنىڭ ئەگرىلىكتىن خالىيدۇر، ھەمدە ھەممە رەزىللىكتىن يىراقتۇر. 5 باشقىلارغا كىمكى تۆھمەت ئەيلىسە يوق قىلارمەن ئۇنى دۈشمەن بىلىپ، كۆرسەم ئەگەر ھالى ئۈستۈن، مەنمەنچىنى تۇرالماسمەن سۈكۈت قىلىپ. 6 كىم ئەرشتىكى خۇداغا سادىق بولسا، ئۇلارغا ئۆز ئوردامدىن ئورۇن بېرىمەن. توغرا، ھەق يولدا ماڭغانلارنى مېنىڭ خىزمىتىمگە قويىمەن. 7 ھىيلىگەرلەرگە ئوردامدا ئورۇن يوقتۇر، يالغانچىلار ھۇزۇرۇمدا بولالماستۇر. 8 زېمىنىمدىن يوق قىلىمەن رەزىللەرنى ھەر سەھەردە، بىرمۇ يامان قالماس ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدە. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti