زەبۇر 100 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى100-مۇناجات شۈكۈر ئېيتىش مۇناجىتى 1 ئەي پۈتكۈل جاھاندىكى ئىنسانلار، ياڭرىتىڭلار پەرۋەردىگارغا ئالقىشلار. 2 خۇشاللىق بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار ئۇنىڭغا، شادلىق بىلەن مۇناجات ئوقۇپ كىرىڭلار ھۇزۇرىغا. 3 بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگار يېگانىدۇر، بىزنى ئۇ ياراتقاندۇر، بىز ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمىز، بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز، يايلىقىنىڭ قويلىرىدۇرمىز. 4 دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار ھەمدۇسانا-شۈكۈر ئېيتىپ، قەدەم تەشرىپ قىلىڭلار ھويلىلىرىغا مەدھىيە ئوقۇپ، تەرىپلەڭلار نامىنى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ. 5 بەرھەق، پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ساداقەتلىكتۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti