Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


10-مۇناجات

1 ئى پەرۋەردىگار، نېچۈن مەندىن قېچىپ تۇرىسەن يىراقتا، نېچۈن مەندىن يوشۇرىسەن ئۆزۈڭنى كۈن چۈشكەندە بېشىمغا؟

2 يامانلار تەكەببۇرلۇقتا سالماقتا زۇلۇم ئاجىزلارغا، ئاجىزلار چۈشۈپ قالماقتا ئۇلارنىڭ تۇزاقلىرىغا.

3 يامانلار كۆزگە ئىلماس پەرۋەردىگارنى، پەخىرلىنىپ ئۇلار ھەۋەسلىرىدىن، ماختاپ ئۇچۇرار ئاچ كۆزلەرنى.

4 يامانلار ئىزدىمەس خۇدانى ھاكاۋۇرلىقىدا، خۇدا يوقتۇر ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىدا.

5 ئوڭۇشلۇق بولار ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەمىشە، خۇدا ھۆكۈمىنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئالماي نەزەرگە، مەغرۇر ھالدا دىماق قاقار دۈشمەنلىرىگە.

6 ئۇلار دەر كۆڭۈللىرىدە: «تەۋرەنمەسمىز، ھېچقاچان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماسمىز.»

7 ھىيلە، لەنەت ۋە زورلۇق تولغاندۇر ئېغىزلىرىغا، يامانلىق ۋە زەھەر چاچار تىللىرىدا.

8 مۆكۈپ تۇرۇپ مەھەللىلەرنىڭ پىنھانلىرىدا، گۇناھسىزلارنى قەتل قىلار تۇيۇقسىزلا، تىكىلگەندۇر كۆزلىرى پاناھسىزلارغا.

9 چاتقاللىقتا مۆكۈپ تۇرغان شىر كەبى ئۇلار، پايلاپ تۇرار تۇتۇشقا ئاجىزلارنى، چۈشۈرۈپ قىلتاقلىرىغا، تۇتۇۋالار ئۇلارنى.

10 پۇرسەت كۈتەر مۆكۈپ تۇرۇپ يامانلار، چاڭگىلىغا چۈشەر ئۇلارنىڭ پاناھسىزلار.

11 دەر يامانلار كۆڭۈللىرىدە: «ئۇنتۇپ قالدى خۇدا بىزنى، نەزەر سالمايدۇ ھەرگىز بىزگە، يۇمۇۋالغاندۇر كۆزلىرىنى.»

12 ئۆتۈنەي ئى خۇدا، جازالىغايسەن يامانلارنى، ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتۇمىغايسەن بىچارىلەرنى.

13 نېچۈن يامانلار كۆزگە ئىلماس ئى خۇدا سېنى، نېچۈن كۆڭۈللىرىدە دەر: «جازالىمايدۇ خۇدا مېنى.»

14 بىلىمىز، كۆرۈپ تۇرىسەن بۇلارنى، ئۇلارنىڭ زەھەرخەندە، زۇلۇملىرىغا تاشلاپ تۇرۇۋاتىسەن نەزىرىڭنى، ئالىسەن يامانلارنى ھامان ئالىقىنىڭغا. پاناھسىزلار ئۆزلىرىنى تاپشۇرار ساڭا، ياردەم قىلغۇچىسەن يېتىم-يېسىرلارغا.

15 سۇندۇرغايسەن رەزىل ۋە يامانلارنىڭ بىلەكلىرىنى، رەزىللىكلىرى يوقالغۇچە جازالىغايسەن ئۇلارنى.

16 مەڭگۈلۈك پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار، يوقىلار زېمىنىدىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانلار.

17 ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالىسەن ئېزىلگەنلەرنىڭ ئىستەكلىرىگە، قۇۋۋەت بېرىسەن ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىگە. كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىسەن دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە.

18 قوغدايسەن يېتىم-يېسىر، ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەققىنى، پانىي ئالەمدە ھېچكىم قورقۇتالماس ئۇلارنى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan