زەبۇر 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1-بۆلەك 1-مۇناجات 1 نەقەدەر بەختلىك ھە! يامانلارنىڭ سالاسىغا كىرمىگۈچى، گۇناھكارلارنىڭ يولىدا ماڭمىغۇچى، مەسخىرىچىلەر ئارىسىدا يۈرمىگۈچى. 2 پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرىدىن سۆيۈنچ تاپىدۇ ئۇلار، كېچە-كۈندۈز شۇ تەلىملەر ھەققىدە پىكىر قىلار. 3 ئۇ گويا دەرەختۇر تىكىلگەن ئېرىق بويىغا، ئۆز پەسلىدە مېۋىلەرنى بېرىپ تۇرار. سولاشماس ئەسلا يوپۇرماقلىرى، ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولار. 4 بىراق يامانلار ئوخشىماس ئۇلارغا، ئۇلار ئوخشار شامالدا سورۇلغان توپانغا. 5 باش كۆتۈرەلمەس يامانلار خۇدانىڭ سورىقىدا، گۇناھكارلار تۇرالماس ھەققانىيلار قاتارىدا. 6 پەرۋەردىگار يورۇتار ھەققانىيلار يولىنى، يامانلار يولى باشلار ھالاكەتكە ئۇلارنى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti