Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پەند-نەسىھەتلەر 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


دانالىقنىڭ چاقىرىقى

1 سالدى دانالىق بىر ئۆي ئۆزىگە، ئورناتتى يەتتە تۈۋرۈك ئۇنىڭغا.

2 سويۇپ مال، تەييارلاپ شارابنى، يايدى ئۇ داستىخىنىنى.

3 ئەۋەتتى دېدەكلىرىنى ئۆز زىياپىتىگە چاقىرىشقا، تۇرغۇزدى شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا:

4 «ئەي ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار!» دەپ چاقىرغۇزدى، ئەقىلسىزلەرگە ئۇ مۇنداق ئېيتتى:

5 «ئەتكەن غىزايىمغا ئېغىز تېگىڭلار، تەييارلىغان شارابىمنى ئىچىڭلار.

6 نادانلىق يولىنى تاشلاڭلار، بەختلىك ياشايسىلەر شۇندا، مېڭىڭلار ئاقىللىق يولىدا».

7 كىمكى تەنبىھلىسە مازاق قىلغۇچىلارنى، ئۇچرار ئاھانەتكە، ئەيىبلىسە رەزىللەرنى، قالار ھاقارەتكە.

8 ئەيىبلىمە مازاق قىلغۇچىلارنى، بولمىسا ساڭا ئۆچ بولۇپ قالار، گەر ئەيىبلىسەڭ دانالارنى، سۆيەر سېنى ئۇلار.

9 تەلىم بەرسەڭ داناغا، زىيادە بولار ئۇنىڭ ئەقلى، ئۆگەتسەڭ ھەققانىي ئادەمگە، ئاشار ئۇنىڭ بىلىمى.

10 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر. بىردىنبىر مۇقەددەس بولغۇچىنى بىلىشنىڭ ئۆزى ئەقىل-ئىدراكتۇر.

11 ماڭا ئەگەشسەڭ، ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولار. يېشىڭغا ياش قوشۇلار.

12 دانا بولساڭ، ئۆزۈڭ كۆرىسەن پايدىسىنى، مازاق قىلساڭ، ئۆزۈڭ تارتىسەن زىيىنىنى.


نادانلىقنىڭ چاقىرىقى

13 نادانلىق ئوخشار بىشەم ۋە ھېچنېمىگە قارىمايدىغان كالۋا خوتۇنغا،

14 ئولتۇرۇپ ئۇ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىدا،

15 يېنىدىن ئۆتۈپ، تۈز يولدا كېتىۋاتقانلارغا توۋلىدى:

16 «ئەي ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار!» دەپ چاقىردى، ئەقىلسىزلەرگە ھەم مۇنداق ئېيتتى:

17 «ئوغرىلاپ ئىچكەن سۇ تاتلىقتۇر، يوشۇرۇپ يېگەن نان تەملىكتۇر».

18 بىراق، بىلمەس ئاڭلىغۇچىلار ئۇ يەرنىڭ ئەرۋاھلار ماكانى ئىكەنلىكىنى، ئۆيىگە چاقىرىلغانلارنىڭ گۆرگە كىرىپ بولغانلىقىنى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan