Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پەند-نەسىھەتلەر 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


بۇزۇق خوتۇن

1 ئەي ئوغلۇم، ئەمەل قىل سۆزلىرىمگە، بۇيرۇقلىرىمنى قەدىرلە.

2 ئەمەل قىل ئۇلارغا، بەختلىك ياشايسەن شۇندا. تەلىملىرىمنى كۆز قارىچۇقۇڭدەك ئاسرا.

3 ئۇلارنى تېڭىپ بارماقلىرىڭغا، پۈتۈۋال قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قېتىغا.

4 ئاچا-سىڭىل دەپ تونۇغىن دانالىقنى، ئۇرۇق-تۇغقان دەپ ئاتىغىن پاراسەتنى.

5 شۇندا ساقلار ئۇلار سېنى زىناخور ئايالدىن، تىلى شېرىن، بۇزۇق خوتۇندىن.

6 ئۆيۈمنىڭ دېرىزە پەنجىرىسىدىن تاشقىرىغا قارىغىنىمدا بىر قېتىم،

7 ساددا ياشلار ئارا بىر ئەقىلسىز يىگىتنى كۆرۈپ قالدىم.

8 ئۇ كوچا ياقىلاپ مېڭىۋەردى. بىر خوتۇننىڭ دوقمۇشتىكى ئۆيى تەرەپكە مېڭىپ قالدى.

9 بۇ، كۈن پېتىپ، كېچە قاراڭغۇسى چۈشۈشكە باشلىغان ۋاقىت ئىدى.

10 مانا، بىر خوتۇن يىگىتنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ پاھىشىدەك ياسىنىۋالغان بولۇپ، نىيىتى بۇزۇق ئىدى.

11 بىشەم ۋە باشباشتاق بولۇپ، ئۇ ئۆيىدە ئولتۇرمايتتى.

12 ئەرلەرنى ئېزىقتۇرۇشقا ساقلايتتى ھەر بىر دوقمۇشتا، بەزىدە كوچىلاردا، بەزىدە بازارلاردا.

13 ئۇ ھېلىقى يىگىتكە ئېسىلىپ، سۆيۈپ، قېلىنلىق بىلەن ئېيتتى:

14 _ ئۆيۈمدە بار «ئامانلىق قۇربانلىقى»نىڭ گۆشى، بۈگۈن قىلدىم خۇداغا ۋەدە قىلغان بۇ قۇربانلىقنى.

15 شۇڭا، سىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن چىققانىدىم، ئەمدى سىزنى ئىزدەپ تېپىۋالدىم.

16 كارىۋىتىمنى مىسىرنىڭ رەڭلىك ياپقۇچلىرى بىلەن ياپتىم.

17 ئورۇن-كۆرپىلىرىمگە مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە دارچىنلار چاچتىم.

18 كېلىڭ، تاڭ ئاتقۇچە قېنىپ ئوينىشايلى، بىر-بىرىمىزنىڭ قوينىدا لەززەتلىنەيلى.

19 چۈنكى ئېرىم ئۆيدە يوق، چىقىپ كەتتى يىراق سەپەرگە،

20 ئېلىپ بىر ھەميان كۈمۈش تەڭگە، ئۆيگە قايتمايدۇ ئاي تولغۇچە.

21 بەند قىلدى ئايال ئۇنى ئۆزىگە شېرىن سۆزلىرى بىلەن، ئېزىقتۇردى ئۇنى ياغلىما گەپ بىلەن.

22 ياش يىگىت ئۇ ئايالغا ئويلىمايلا ئەگەشتى، قۇشخانىغا ئېلىپ ماڭغان ئۆكۈز كەبى، قاپقانغا چۈشۈش ئالدىدىكى بۇغا كەبى،

23 قىلتاققا ئۆزىنى ئېتىۋاتقان قۇش كەبى، ئوق تېشىپ ئۆتمىگۈچە ئۇنىڭ جىگىرىنى، بىلمەس ئۇ زىنانىڭ ھاياتىغا زامىن ئىكەنلىكىنى.

24 ئەي ئوغۇللىرىم، ئەمدى قۇلاق سېلىڭلار سۆزلىرىمگە، ئېتىبار بېرىڭلار دېگەنلىرىمگە.

25 بۇنداق خوتۇن يولىغا مايىل بولمىسۇن كۆڭلۈڭلار، ئۇنىڭ يولىغا كىرىپ ئادىشىپ كەتمەڭلار.

26 بۇنداق ئايال نابۇت قىلغان نۇرغۇن كىشىلەرنى، ھاياتىدىن ئايرىغان سانسىز ئەرلەرنى.

27 ئېلىپ بارار ئۇنىڭ ئۆيى گۆرگە، ئۆلۈكلەر ماكانىدىكى چوڭقۇر يەرگە.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan