Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پەند-نەسىھەتلەر 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ياشلارغا يول-يورۇق

1 ئەي ئوغلۇم، ئۇنتۇما تەلىمىمنى، چىڭ ساقلا قەلبىڭدە بۇيرۇقلىرىمنى.

2 ئۆمۈر قوشار ئۇلار ئۆمرۈڭگە، ئامان-ئېسەنلىك ئېلىپ كېلەر ھاياتىڭغا.

3 مېھرىبانلىق ۋە ساداقەتنى تاشلىما، ئۇلارنى مارجاندەك ئېسىۋال بوينۇڭغا، پۈتۈۋال قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قېتىغا.

4 تاپىسەن ھىممەت ۋە ئىززەت شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ھەم ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە.

5 ئىشەنمەي ئۆز ئەقلىڭگە، ئىشەن پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا،

6 ياد ئەت پەرۋەردىگارنى ھەر ئىشتا، ئوچۇق قىلار يولۇڭنى ئۇ شۇندا.

7 ئۆزۈڭنى ئەقىللىق دەپ سانىما، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىققا يولىما.

8 شۇنداق قىلساڭ، ساغلام بولار تېنىڭ، يىلىككە تولار سۆڭەكلىرىڭ.

9 ئۇلۇغلا پەرۋەردىگارنى، ئاتاپ مال-دۇنيايىڭنى، ھەدىيە قىلىپ ئۇنىڭغا ھوسۇلۇڭنىڭ باش بۇرنىنى.

10 شۇندا تولۇپ تاشار ئامبارلىرىڭ ئاشلىققا، شاراب ئىدىشلىرىڭ يېڭى شارابقا.

11 ئەي ئوغلۇم، باش تارتما پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىدىن، بىزار بولما ئۇنىڭ تەنبىھىدىن.

12 چۈنكى ئاتا تەربىيىلىگەندەك ئەتىۋارلىق ئوغلىنى، پەرۋەردىگارمۇ تەربىيىلەر سۆيگەنلىرىنى.

13 دانالىققا ئېرىشكەنلەر، ئەقىل-ئىدراك تاپقانلار بەختلىكتۇر!

14 دانالىق كەلتۈرگەن پايدا كۈمۈشنىڭكىدىنمۇ ئارتۇقتۇر، ئالتۇندىن ئالغان مەنپەئەتتىنمۇ ئەۋزەلدۇر.

15 ئۇ لەئەل-ياقۇتلاردىن قىممەتلىكتۇر، ھەرقانداق ئارزۇلۇق نەرسەڭ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەستۇر.

16 باردۇر ئۇزۇن ئۆمۈر دانالىقنىڭ ئوڭ قولىدا، بايلىق ۋە شۆھرەت ئۇنىڭ سول قولىدا.

17 بېغىشلار دانالىق يولى شاد-خۇراملىق ساڭا، يېتەكلەر ئۇ سېنى ئامانلىققا.

18 دانالىقنى تۇتۇپ تۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئۇ ھاياتلىق دەرىخىدۇر، دانالىقنى مەھكەم تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر.

19 پەرۋەردىگار دانالىقى بىلەن ياراتتى زېمىننى، ئەقلى بىلەن بەرپا قىلدى ئاسماننى.

20 پەرۋەردىگارنىڭ دانالىقى بىلەن چوڭقۇر قايناملار ئېتىلدى، بۇلۇتلار شەبنەم پۈركىدى.

21 ئەي ئوغلۇم، چىڭ تۇت دانالىق ۋە پەم-پاراسەتنى، كۆز ئالدىڭدىن ھەرگىز يوقاتما ئۇلارنى.

22 ئۇلار ھايات بەخش ئېتەر جېنىڭغا، بېزەك بولۇپ ئېسىلار بوينۇڭغا.

23 شۇ چاغ يولۇڭدا يۈرىسەن تىنچ-ئامان، پۇتلىشىپ كەتمەيسەن ھېچقاچان.

24 ياتقاندا ھېچنېمىدىن قورقمايسەن، يېتىپلا تاتلىق ئۇخلايسەن.

25 قورقما تۇيۇقسىز كەلگەن خەۋپتىن، رەزىللەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋەيرانچىلىقتىن.

26 چۈنكى تايانچىڭدۇر پەرۋەردىگار، ئۇ پۇتلىرىڭنى تۇزاقلارغا چۈشۈشتىن ساقلار.

27 ئەگەر كەلسە ياخشىلىق قىلىش قولۇڭدىن، ياردىمىڭنى ئايىما ھاجەتمەنلەردىن.

28 قوشناڭغا ئېھتىياجلىق نەرسە سەندە بار بولسا، «ئەتە كەل، شۇ چاغدا بېرەي» دەپ ئۇنى قايتۇرما.

29 قوشناڭغا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىدە بولما، چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشىنىپ خاتىرجەم ياشىدى يېنىڭدا.

30 بىرەرسى ساڭا يامانلىق قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن سەۋەبسىز ماجىرالاشما.

31 زوراۋانغا ھەسەت قىلما، ئۇنىڭ يوللىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىما.

32 چۈنكى ئەگرى ئادەملەر يىرگىنچلىكتۇر پەرۋەردىگارغا، دۇرۇسلارغا ئۇ يېقىن تۇرار ئەمما.

33 پەرۋەردىگارنىڭ لەنىتى تېگەر رەزىللەرنىڭ ئۆيىگە، ئۇ بەخت ئاتا قىلار ھەققانىيلارنىڭ ئائىلىسىگە.

34 ئۇ مەسخىرىچىلەرنى مەسخىرە قىلار، كىچىك پېئىللارغا شەپقەت ياغدۇرار.

35 دانالار شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولار، نادانلار بولسا شەرمەندىلىكتە قالار.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan