پەند-نەسىھەتلەر 28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 قاچار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يامانلار، شىردەك باتۇردۇر ھەققانىيلار. 2 كۆپىيەر ھۆكۈمدارلار گۇناھ كۆپەيسە يۇرتتا، مۇقىملىق داۋاملىشار دانا ۋە بىلىملىك ھۆكۈمدار بولغاندا. 3 كەمبەغەل كەمبەغەلنى بوزەك قىلسا، ئوخشار زىرائەتلەرنى نابۇت قىلىدىغان قارا يامغۇرغا. 4 پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىدىن ۋاز كېچىش يامانلارنى ماختىغانلىقتۇر، ئۇنىڭ تەلىمىگە ئەمەل قىلىش يامانلار بىلەن قارشىلاشقانلىقتۇر. 5 چۈشەنمەس رەزىللەر ئادالەتنى، تولۇق چۈشىنەر پەرۋەردىگارغا تەلپۈنگۈچىلەر ئۇنى. 6 دىيانەت يولىدا ماڭغان كەمبەغەل كىشى، ئەگرى يولدا يۈرگەن بايدىن ياخشى. 7 ئاقىل ئوغۇلدۇر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە ئەمەل قىلغان، ئاتىسىنى نومۇسقا قالدۇرار نان قېپىلارغا ھەمراھ بولغان. 8 جازانىخورلۇق بىلەن بايلىقىنى كۆپەيتكەن كىشىنىڭ بايلىقى، كەمبەغەللەرگە ساخاۋەت قىلغۇچى ئۈچۈن قالار ئاخىرى. 9 پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە كىمكى قۇلاق سالمىسا، ئۇنىڭ دۇئالىرىمۇ يىرگىنچلىكتۇر ھەتتا. 10 دۇرۇسلارنى يامان يولغا ئازدۇرغۇچى چۈشەر ئۆزى كولىغان ئورىغا. پاك-دىيانەتلىك مىراسخور بولار ياخشىلىققا. 11 دانادۇر باي ئۆز نەزىرىدە، ئاياندۇر ئۇنىڭ قانداقلىقى زېرەك كەمبەغەلگە. 12 جاھاننى قاپلار تەنتەنە ھەققانىيلار ھوقۇق تۇتسا، ئادەملەر ئۆزىنى قاچۇرار يامانلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە. 13 روناق تاپالماس ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان، رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ قول ئۈزگەن. 14 بەختلىكتۇر پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگەن ھەمىشە، ئۇچرار بوينى قاتتىق بالايىئاپەتكە. 15 يوقسۇللارنىڭ ئۈستىدىكى رەزىل ھۆكۈمدار، ھۆركىرەپ تۇرغان شىر، ئوۋ ئىزدەپ يۈرگەن ئېيىققا ئوخشار. 16 ئەقىلسىز ھۆكۈمدار قاتتىق زالىملىق سالار، ھارام بايلىقتىن نەپرەتلەنگەننىڭ ئۆمۈرى ئۇزىرار. 17 قان تۆكۈپ ۋىجدان ئازابى تارتقۇچى قېچىپ يۈرەر ئۆلگۈچە، قىلمىسۇن ئۇنى ھېچكىم ھىمايە. 18 قۇتقۇزۇلار دىيانەت يولىدا ماڭغان، تويۇقسىز يىقىلار ئەگرى يولدا ماڭغان. 19 يېرىگە ئىشلىگەننىڭ قورسىقى توق بولار. قۇرۇق خىيال سۈرگەن تولىمۇ يوقسۇللۇققا قالار. 20 ئېرىشەر مول بەرىكەتكە سادىق كىشى، جازاسىز قالماس بايلىققا ئېرىشىشكە ئالدىرىغۇچى. 21 بىرىگە يان بېسىش ياماندۇر، بىراق ئادەم بىر بۇردا نان ئۈچۈنمۇ بۇنداق گۇناھنى ئۆتكۈزۈر. 22 ئاچكۆز ئالدىرار باي بولۇشقا، بىلمەي قالار ئۇ يوقسۇللۇق چۈشۈشىنى ئۆز بېشىغا. 23 باشقىلارنىڭ خاتالىقىغا تەنبىھ بەرگۈچى خۇشامەتچىگە قارىغاندا، كۆپ ھىممەت تاپار ئاخىرىدا. 24 ئاتا-ئانىسىنى بۇلاپ، يەنە «بۇ گۇناھ ئەمەس» دېگەن، بىر قاتاردا سانىلار جانغا زامىن بولغۇچى بىلەن. 25 جېدەل-ماجىرا تېرار ئاچكۆزلۈك قىلغان، راۋاج تاپار پەرۋەردىگارغا ئىشەنچ باغلىغان. 26 ئەخمەقتۇر ئۆز ئەقلىگە ئىشەنگەن، ئامان قالار دانالىق بىلەن ئىش تۇتقان. 27 موھتاجلىقتا قالماس نامراتلارغا خەيرخاھلىق قىلغان، نۇرغۇن لەنەتكە قالار ئۇلارنى كۆرمەسكە سالغان. 28 يامانلار ھوقۇق تۇتسا، ئادەملەر ئۆزىنى قاچۇرار، ئۇلار زاۋال تاپسا، ھەققانىيلار ھوقۇق تۇتار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti