Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پەند-نەسىھەتلەر 27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ماختانما ئەتىكى كۈنۈڭ بىلەن، چۈنكى ئەتىنىڭ نېمە ئېلىپ كېلىشىنى بىلمەيسەن.

2 ماختانما ئۆز ئۆزۈڭدىن، سېنى باشقىلار ماختىسۇن، ماختانما ئۆز ئاغزىڭ بىلەن، سېنى ياتلار ماختىسۇن.

3 تاشمۇ ھەم قۇممۇ ئېغىر، بىراق ئەخمەق كەلتۈرگەن ئازاب ئىككىسىدىنمۇ ئېغىر.

4 غەزەپ رەھىمسىزدۇر، قەھر ئوخشار كەلكۈنگە، بىراق تاقابىل تۇرالار كىممۇ كۈندىشىنىڭ كۈندەشلىكىگە؟

5 ئاشكارا تەنبىھ يوشۇرۇن مۇھەببەتتىن ئەلادۇر.

6 دوستۇڭنىڭ سالغان جاراھىتى ئۇنىڭ ۋاپادارلىقىدىندۇر، دۈشمىنىڭنىڭ سۆيۈشلىرى بولسا ھىيلىگەرلىكىدىندۇر.

7 بىزاردۇر توق كىشى ھەسەلدىنمۇ، تاتلىقتۇر ئاچلىقتا ھەرقانداق ئاچچىق نەرسىمۇ.

8 ئۆيىدىن ئايرىلغان كىشى، ئۇۋىسىدىن ئايرىلغان قۇش كەبى.

9 ئاچار خۇشبۇي ماي ۋە ئەتىر كىشىنىڭ كۆڭلىنى، سەمىمىي مەسلىھىتىدىن بىلىنەر دوستنىڭ غەمخورلۇقى.

10 ئۆز دوستۇڭ ھەم ئاتاڭنىڭ دوستىنى تاشلىما، بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە تۇغقىنىڭنىڭ ئۆيىگە بارما. ئەلادۇر يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا.

11 ئەي ئوغلۇم، دانالىق تاپ، كۆڭلۈمنى چۆمدۈر خۇشاللىققا، شۇندا جاۋاب قايتۇرالايمەن مېنى تەنقىد قىلغانلارغا.

12 زېرەك كىشى خەۋپ-خەتەرنى كۆرۈپ قاچار، نادان قارىغۇلارچە ئالغا بېسىپ ئازاب تارتار.

13 ياتقا كاپالەت بەرگۈچىدىن كېپىلگە تونىنى ئېلىۋال، ناتونۇشقا كېپىل بولغۇچىدىن كېپىللىك ئال.

14 كىمكى تاڭ سەھەردە ۋارقىراپ قوشنىسىدىن ئامانلىق سورىسا، بۇ قارغىغاندەك ئاڭلىنار قوشنىسىغا.

15 سوقۇشقاق خوتۇن ئوخشار، يامغۇرلۇق كۈندە تورۇستىن توختىماي تامچىلىغان تامچىغا.

16 ئوخشار ئۇنى توسۇشنىڭ ئۆزى بوراننى توسۇشقا، ياكى ئوڭ قولى بىلەن ماي چاڭگاللىغانغا.

17 تۆمۈر تۆمۈرنى بىلەيدۇ، ئادەم ئادەمنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ.

18 مېۋىسىنى يەر ئەنجۈر كۆچىتىنى پەرۋىش قىلغۇچى، ئىززەتكە ئېرىشەر خوجايىنىنى ياخشى كۈتكۈچى.

19 سۇ ئادەمنىڭ يۈزىنى ئەكس ئەتتۈرگەن كەبى، ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرەر يۈرىكى.

20 ھېچ تويماس گۆر ۋە ئۆلۈكلەر ماكانى، قانائەت تاپماس ئادەمنىڭ نەپسى.

21 تاۋلىنار ئالتۇن-كۈمۈش ئوتتا، سىنىلار ئادەم ماختالغاندا.

22 سوقساڭمۇ بۇغداي سوققاندەك ئەخمەقنى، ئايرىلماس يەنىلا ئۇنىڭدىن ئەخمەقلىقى.

23 پادىلىرىڭنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان ئىگىلە، مال-ۋارانلىرىڭغا ياخشى قارا.

24 چۈنكى بايلىق مەڭگۈلۈك بولماس، قالماس تاجمۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس.

25 چۆپلەر قۇرۇپ، يېڭى چۆپلەر ئۆسۈپ چىققاندا، تاغ باغرىدىكى ئوتلار ئورۇلغاندا،

26 قويلارنىڭ يۇڭلىرى ساڭا كىيىملىك بولار، ئۆچكىلەرنى ساتقان پۇل بىر ئېتىزغا يارار.

27 يېتەرلىك بولار سۈتى ئۆچكىلەرنىڭ، ئوزۇقىغا سېنىڭ ۋە ئائىلەڭنىڭ، تۇرمۇشىنى قامدىشىغا ھەم دېدەكلىرىڭنىڭ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan