Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پەند-نەسىھەتلەر 26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 يازدا قار، ئورما ۋاقتىدا يامغۇر قاملاشمىغاندەك، ئەخمەققىمۇ ئىززەت-ھۆرمەت قاملاشماس.

2 قۇشقاچ ئۇچۇپ، قارلىغاچ قانات قاققاندەك، سەۋەبسىز قارغاشمۇ كىشىگە تەگمەس.

3 ياراشقاندەك قامچا ئاتقا، نوختا ئېشەككە، يارىشار دەررە ئەخمەقنىڭ دۈمبىسىگە.

4 جاۋاپ قايتۇرما ئەقىلسىزنىڭ ئەخمەقلىقىگە يارىشا، ئۇنىڭغا ئوخشاپ قالىسەن بولمىسا.

5 جاۋاپ قايتۇر ئەقىلسىزنىڭ ئەخمەقلىقىگە يارىشا، ئۇ ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ قالار بولمىسا.

6 ئەخمەقتىن خەۋەر يوللىغان كىشى، گويا ئۆز پۇتىنى ئۆزى چاپقان، زەھەر يۇتقان كەبى.

7 كارغا كەلمىگەندەك پۇتلىرى توكۇرنىڭ، كارغا كەلمەس ئاغزىدىكى پەند-نەسىھەت ئەخمەقنىڭ.

8 ئىززەت-ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئەخمەققە، ئوخشار سالغىغا تاشنى باغلاپ قويغانغا.

9 پەند-نەسىھەت ئەخمەقنىڭ ئاغزىدىكى، گويا مەست شىلتىۋاتقان تىكەنلىك شاخ كەبى.

10 ياللىسا ئەخمەقنى ياكى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى كىمكى، بولار قارىغۇلارچە ئوق ئاتقان مەرگەن كەبى.

11 ئىت ئايلىنىپ كېلىپ يالىغاندەك ئۆز قۇسۇقىنى، قايتار ئەخمەق ئۆز ئەخمەقلىقىنى.

12 كۆردۈڭمۇ ئۆزىنى ئاقىل چاغلىغان كىشىنى؟ ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتكەن ياخشى.

13 ھۇرۇن دەركى: «شىر باردۇر كوچا ۋە مەيداندا».

14 ئېچىلىپ-يېپىلار ئىشىك مۇجۇقىدا، ئېغىناپ ياتار ھۇرۇن كارىۋىتىدا.

15 ھۇرۇن سۇنار قولىنى قاچىغا، غىزانى ئاغزىغا سېلىشقىمۇ ئېرىنەر ھەتتا.

16 ھۇرۇن ئۆزىنى شۇنداق چاغلار، ھەتتا ئاقىلانە جاۋاب بېرىدىغان يەتتە كىشىدىنمۇ ئاقىل سانار.

17 ئارىلىشىش ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز جاڭجالغا، ئوخشار ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىتنىڭ قۇلىقىنى تارتقانغا.

18-19 ئۆز يېقىنىنى ئالداپ، «چاقچاق قىلىپ قويدۇم» دېگۈچى، خۇددى ئوتلۇق، ئەجەللىك ئوقلارنى ئاتقان تەلۋە كەبى.

20 ئوت ئۆچەر ئوتۇن بولمىسا، جېدەل تۈگەر چېقىمچى بولمىسا.

21 خۇددى چوغ ئۈستىگە سالغان كۆمۈر كەبى، ئوت ئۈستىگە تاشلىغان ئوتۇن كەبى، ئۇلغايتار جېدەلخور جېدەل-ماجىرانى.

22 ئوخشار غەيۋەتچىنىڭ سۆزلىرى مەززىلىك تاماققا، تەنگە سىڭىپ كېتەر تېزلا.

23 تىلى ھەسەل، دىلى زەھەر كىشى، كۈمۈش ھەل بېرىلگەن ساپال قاچىنىڭ ئۆزى.

24 ئۆچمەنلىك قىلغۇچى چىرايلىق سۆز بىلەن نىقابلىنار، بىراق كۆڭلىدە ھىيلە-مىكىر ساقلار.

25 شۇڭا ئىشىنىپ كەتمە ئۇ مۇلايىم سۆزلىگەندە، چۈنكى يەتتە قات ئىپلاسلىق باردۇر ئۇنىڭ قەلبىدە.

26 ئۆچمەنلىكىنى ئۇ ھىيلىگەرلىك بىلەن ياپار، لېكىن ئۇنىڭ رەزىللىكى جامائەت ئالدىدا ئاشكارا بولار.

27 كىشىگە ئورا كولىغان ئۆزى چۈشەر، ئۆزگىگە دومىلاتقان تاش ئۆزىگە قايتار.

28 يالغانچى ئۆزى زىيان كەلتۈرگەنلەرنى ئۆچ كۆرەر، خۇشامەتچى ھالاكەت ئېلىپ كېلەر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan