Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پەند-نەسىھەتلەر 25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەند-نەسىھەتلىرىنىڭ داۋامى

1 تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغانلىرىمۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەند-نەسىھەتلىرى بولۇپ، بۇلارنى يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيانىڭ ئوردىسىدىكىلەر كۆچۈرۈپ توپلىغان.

2 پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىدۇر ئۇنىڭ كارامەتلىرىنىڭ سىرلىقلىقى، پادىشاھلارنىڭ شۆھرىتىدۇر ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتىپ يېشىشى.

3 ئاسماننىڭ ئېگىزلىكىنى، يەرنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى بىلگىلى بولماس، شۇنىڭغا ئوخشاش، پادىشاھلارنىڭ كۆڭلىدىكىنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولماس.

4 ئاۋۋال كۈمۈشنى تاۋلاپ، چىقىندىسىنى ئايرىپ تاشلا، ئاندىن زەرگەر قۇيۇپ چىقىدۇ نەپىس بىر قاچا.

5 ئاۋۋال پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن قوغلىۋەت يامان مەسلىھەتچىلەرنى، ئاندىن ھەققانىيەت بىلەن مۇستەھكەم بولار ئۇنىڭ تەختى.

6 پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتما، ياكى ئەربابلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇۋالما.

7 چۈنكى ئورنۇڭنى جانابقا بېرىشكە چاقىرىلىپ، پەگاھقا چۈشۈپ قالغاندىن، باشقىلارنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن پەگاھتىن تۆرگە ئۆتكىنىڭ ئەۋزەل.

8 ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن سوتقا ئەرز قىلما، قانداق قىلىسەن مۇبادا يېقىنىڭ سېنى شەرمەندە قىلسا؟

9 مۇنازىرىلەش يېقىنىڭ بىلەن سېنىڭ ھەق بولسا، لېكىن باشقىلارنىڭ سىرىنى ئاچما.

10 بولمىسا، بۇنى ئاڭلىغۇچى قالدۇرار سېنى ئۇياتقا، قۇتۇلالمايسەن سېسىق نامدىن شۇ چاغدا.

11 جايىدا قىلىنغان سۆزلەر، كۈمۈش تاۋاققا تىزىلغان ئالتۇن ئالمىلاردەكتۇر.

12 قۇلاق سالغۇچى ئۈچۈن دانالارنىڭ تەنبىھى، گويا ئالتۇن ھالقا ياكى ساپ ئالتۇن بېزەك كەبى.

13 ئەۋەتكۈچى ئۈچۈن ساداقەتمەن ئەلچى، خۇددى ئورما ۋاقتىدا قار سوغۇقى كەبى، چۈنكى ئۇرغۇتار ئۇ خوجايىنىنىڭ روھىنى.

14 سوۋغات بېرىمەن دەپ ماختانغان لېكىن بەرمىگەن كىشى، خۇددى يامغۇرى يوق قارا بۇلۇت ۋە بوران كەبى.

15 سەۋر-تاقەت بىلەن سۆزلىگەندە ھۆكۈمدار كۆنەر. يۇمشاق سۆز سۆڭەكتىن ئۆتەر.

16 ھەسەلگە ئېرىشكەندە پەقەت تويغۇچىلا يە، كۆپ يەپ ياندۇرۇۋەتمە.

17 ئاز دەسسىگىن قوشناڭنىڭ بوسۇغىسىغا، تويۇپ سەندىن ئۆچ بولۇپ قالار بولمىسا.

18 يېقىنىغا قارشى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈچى، گويا توقماق، قىلىچ ۋە ئۆتكۈر ئوقتا زەربە بەرگەن كەبى.

19 ئېغىر كۈنلەردە تايىنىش ۋاپاسىزغا، ئوخشار چىرىگەن چىش، سۇنغان پۇتقا.

20 ناخشا ئېيتىپ بېرىش غەمكىن كىشىگە، ئوخشار سوغۇق كۈندە كىيىمىنى سالدۇرۇۋالغانغا، ياكى تۇز قۇيغاندەك يارىسىغا.

21 دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، نان بەر، ئۇسسىغان بولسا، سۇ بەر.

22 خىجالەتتە قالدۇرىسەن ئۇنى شۇندا، ياندۇرار پەرۋەردىگار ساڭا.

23 شىمال تەرەپتىن چىققان شامال قاتتىق يامغۇر ياغدۇرار، چېقىمچىلىق بولسا غەزەپنى چىرايىغا چىقارار.

24 سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن بىر ئۆيدە ياشاشتىن، ئەۋزەلدۇر ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ياشاش.

25 يىراق يۇرتتىن كەلگەن خوش خەۋەر خۇددى، چاڭقاشنى قاندۇرغان مۇزدەك سۇ كەبى.

26 رەزىلگە يول قويغان ھەققانىي كىشى، خۇددى لېيىپ كەتكەن بۇلاق، بۇلغانغان قۇدۇق كەبى.

27 ياخشى ئەمەستۇر ھەسەلنى ھەددىدىن زىيادە يېيش، شەرەپلىك ئەمەستۇر شۆھرەتپەرەسلىك قوغلىشىش.

28 ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان كىشى، خۇددى سېپىلى بۇزۇۋېتىلگەن شەھەر كەبى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan