پەند-نەسىھەتلەر 24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى(ئون توققۇزىنچى نەسىھەت) 1 يامانلارغا ھەسەت قىلما، ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلما. 2 ئۇلار كۆڭلىدە زوراۋانلىقنى ئويلار، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن شۇملۇق ياغار. (يىگىرمىنچى نەسىھەت) 3 ئۆي سېلىنار دانالىق بىلەن، مۇستەھكەملىنەر ئەقىل-ئىدراك بىلەن. 4 تولدۇرار بىلىم ئۆينىڭ خانىلىرىنى، ھەرخىل قىممەتلىك ئېسىل بايلىقلار بىلەن. (يىگىرمە بىرىنچى نەسىھەت) 5 ئاقىل كۈچلۈكتىن قۇدرەتلىك بولار، بىلىملىك ئادەم ئۆز قۇدرىتىنى ئاشۇرار. 6 ئاقىلانە مەسلىھەت بىلەن ئۇرۇش ئېلىپ بار، مەسلىھەتچى كۆپ بولغاندا غەلىبىلىك بولار. (يىگىرمە ئىككىنچى نەسىھەت) 7 يىراقتۇر دانالىق ئەخمەققە، كۆپچىلىك يىغىلىشىدا ئەخمەق زۇۋان سۈرەلمەس. (يىگىرمە ئۈچىنچى نەسىھەت) 8 يامانلىق پىلانلىغان ئادەم «سۇيىقەستچى» ئاتىلۇر. 9 ئەخمەقلىق بىلەن تۈزۈلگەن پىلان گۇناھتۇر، ئادەم ئۈچۈن مازاقچى يىرگىنچلىكتۇر. (يىگىرمە تۆتىنچى نەسىھەت) 10 ئېغىر كۈندە جاسارىتىڭنى يوقاتساڭ، سەن ئاجىزسەن. (يىگىرمە بەشىنچى نەسىھەت) 11 قۇتقۇز ئۆلۈم خەۋپىدە قالغانلارنى، قۇتۇلدۇر ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغانلارنى. 12 گەر«بىلمەپتىمەن» دەپ قاچۇرساڭ ئۆزۈڭنى، ئىنسان كۆڭلىنى دەڭسىگۈچى كۆرۈپ تۇرماسمۇ بۇنى؟ ھاياتىڭنى قوغدىغۇچى بىلمەسمۇ؟ ئۇ ھەربىر ئادەمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ياندۇرماسمۇ؟ (يىگىرمە ئالتىنچى نەسىھەت) 13 ئى ئوغلۇم، ھەسەل ئىستېمال قىل، ئۇ ياخشىدۇر. ھەرە كۆنىكىدىن ئالغان ھەسەل تېخىمۇ تاتلىقتۇر. 14 تاتلىقتۇر دانالىق ھەسەلدەك جېنىڭغا، ئىستىقبالىڭ پارلاقتۇر گەر ئېرىشسەڭ ئۇنىڭغا، ئارزۇ-ئۈمىدىڭ ھەم چىقماس يوققا. (يىگىرمە يەتتىنچى نەسىھەت) 15 رەزىلدەك ھەققانىينىڭ ئۆيىنى يوشۇرۇن پايلاپ تۇرما، ئۇنىڭ ئۆيىنى ۋەيران قىلما! 16 چۈنكى ئۇ يەتتە قېتىم يىقىلسىمۇ، يەنىلا ئورنىدىن تۇرار، بىراق رەزىللەر بالا-قازادا يىقىلار. (يىگىرمە سەككىزىنچى نەسىھەت) 17 رەقىبىڭ يىقىلغاندا خۇشال بولما، پۇتلاشقىنىدا ئىچ-ئىچىڭدىن شادلانما. 18 بولمىسا ياقتۇرماس پەرۋەردىگار كۆرۈپ بۇنى، توختىتار رەقىبىڭدىن غەزىپىنى. (يىگىرمە توققۇزىنچى نەسىھەت) 19 كۆڭلۈڭ بىسەرەمجان بولمىسۇن رەزىللەردىن، يۈرىكىڭ ئېچىشمىسۇن ھەسەت قىلىپ يامانلاردىن. 20 چۈنكى بولماس رەزىللەرنىڭ ئىستىقبالى، ئۆچۈرۈلەر يامانلارنىڭ چىرىغى. (ئوتتۇزىنچى نەسىھەت) 21 ئەي ئوغلۇم! پەرۋەردىگاردىن قورقماس بولما، پادىشاھنى ھۆرمەتلىمەي قالما، ئۇلارغا قارشى چىققۇچىلارغا شېرىك بولما. 22 چۈنكى ئۇشتۇمتۇت بالايىئاپەت ئۇلارغا كېلەر، پەرۋەردىگار ۋە پادىشاھ كەلتۈرىدىغان ھالاكەتنى كىممۇ بىلەر؟ باشقا ئەقلىيە سۆزلەر 23 بۇلارمۇ دانالارنىڭ سۆزلىرىدۇر: ھۆكۈمدە بىر تەرەپكە يان بېسىش ياماندۇر. 24 جىنايەتچىگە: «گۇناھسىز سەن» دەپ ھۆكۈم چىقارغۇچىنى، قارغايدۇ خەلقلەر؛ ئۆچ كۆرىدۇ ئەل-جامائەت ئۇنى. 25 بىراق ئۇلار جىنايەتچىنى ئەيىبلىگۈچىدىن خۇرسەن بولىدۇ، بەخت-سائادەتلەر ئۇنىڭغا كېلىدۇ. 26 سەمىمىي جاۋاب بەرگۈچى كۆرسىتەر چىن دوستلۇقنى. 27 تۈگەتكىن ئاۋۋال سىرتتىكى ئىشلارنى، ئورۇنلاشتۇرغىن ئېتىزدىكى ئىشلىرىڭنى، قۇرغىن ئاندىن ئۆيۈڭنى. 28 سەۋەبسىز يېقىنىڭغا قارشى گۇۋاھلىق قىلما، يالغان سۆزلەپ ئالدىما. 29 دېمە:«ئۇ ماڭا قانداق قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمەن، ئۇنىڭ ماڭا قىلغىنىدەك ياندۇرىمەن». 30 ئۆتتۈم مەن ھۇرۇننىڭ ئېتىزلىقىدىن، ئەقىلسىزنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدىن. 31 مانا ھەر يېرىدىن تىكەنلەر ئۆسۈپ چىققان، ياۋا ئوت-چۆپلەر ھەممە يەرنى قاپلىغان، قورۇق تېمى ئۆرۈلۈپ كەتكەن! 32 ئۇلارنى كۆرۈشۈم بىلەن ئويغا پاتتىم، كۆرگىنىمدىن مۇنداق ساۋاق ئالدىم: 33 دېسەڭ: «بىرئاز كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي، بىردەم ئۇخلىۋالاي، يەنە بىردەم پۇت-قولۇمنى ئالماپ يېتىۋالاي»، 34 يېنىڭغا كېلەر قاراقچىدەك نامراتلىق، قوراللىق بۇلاڭچىدەك موھتاجلىق. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti