پەند-نەسىھەتلەر 23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى(ئالتىنچى نەسىھەت) 1 ھۆكۈمدار بىلەن ھەمداستىخان بولغاندا، ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدە ساقلا. 2 ئەگەر نەپسىڭ يامان بولسا، ئۆزۈڭنى تارت پىچاق قادالغاندەك بوغۇزۇڭغا. 3 ئۇنىڭ نازۇنېمەتلىرىگە ئىشتەي ساقلىما، ئالدامچىلىق يوشۇرۇلغاندۇر بەلكى ئۇلاردا. (يەتتىنچى نەسىھەت) 4 باي بولىمەن دەپ ئۇپراتما ئۆزۈڭنى، ئەقىللىقلىق بىلەن تاشلا بۇ ئويۇڭنى. 5 كۆزۈڭ بايلىققا چۈشكەندە ئۇ يوقىلار، چۈنكى ئۇ بىردىنلا قانات چىقىرپ، بۈركۈتتەك ئۇچۇپ كېتەر. (سەككىزىنچى نەسىھەت) 6 بېخىلنىڭ نېنىنى يېمە، ئىشتەي ساقلىما ئۇنىڭ نازۇنېمەتلىرىگە. 7 چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ پايدىسىنى ئويلايدىغان ئادەمدۇر. «تارتىنماي يەڭ، ئىچىڭ» دەر، بىراق كۆڭلى سەندە ئەمەستۇر. 8 يېگەن تامىقىڭ يېنىپ چىقار، ئېيتقان چىرايلىق سۆزلىرىڭ بىكار بولار. (توققۇزىنچى نەسىھەت) 9 ئەخمەققە سۆزلەپ ئاۋارە قىلما ئۆزۈڭنى، چۈنكى كۆزگە ئىلماس ئۇ ئاقىلانە سۆزلىرىڭنى. (ئونىنچى نەسىھەت) 10 يۆتكىمە قەدىمدە بەلگىلەپ قويغان پاسىلنى، تارتىۋالما يېتىملارنىڭ ئېتىزلىرىنى. 11 چۈنكى قۇدرەتلىكتۇر ئۇلارنىڭ ھىمايىچىسى، ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالار ئۇ ساڭا قارشى. (ئون بىرىنچى نەسىھەت) 12 كۆڭۈل قوي نەسىھەتكە، قۇلاق سال ھېكمەتلىك سۆزلەرگە. (ئون ئىككىنچى نەسىھەت) 13 بالاڭدىن تۈزىتىش تەربىيىسىنى ئايىما، ئۇ ئۆلۈپ قالماس تاياق بىلەن سالغانغا. 14 گەر ئۇرساڭ تاياق بىلەن ئۇنى، ساقلاپ قالارسەن ئەجەلدىن ئۇنىڭ جېنىنى. (ئون ئۈچىنچى نەسىھەت) 15 ئەي ئوغلۇم، دانا بولساڭ، قەلبىم يايرار. 16 توغرا سۆزلىسەڭ يۈرىكىم شادلىنار. (ئون تۆتىنچى نەسىھەت) 17 گۇناھكارلارغا ھەسەت قىلما، پەرۋەردىگاردىن ئەيمەن دائىما. 18 بەرھەق، باردۇر سېنىڭ ئىستىقبالىڭ. يوققا چىقماس ئارزۇ-ئۈمىدىڭ. (ئون بەشىنچى نەسىھەت) 19 ئەي ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سال، بول دانا، قەلبىڭنى توغرا يولغا بېغىشلا. 20 بولما ھاراقكەشلەرنىڭ ئارىسىدا، ئارىلاشما گۆشكە تويماسلارغا. 21 چۈنكى ھاراقكەش ۋە تويماسلار يوقسۇللۇقتا قالار، غەپلەت ئۇيقۇسى ئۇلارنى جۇل-جۇل كىيىمدە قالدۇرار. (ئون ئالتىنچى نەسىھەت) 22 ئاڭلا سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى، كەمسىتمە ئاناڭ ياشانغاندا ئۇنى. 23 بەدەل تۆلىسەڭمۇ ھەقىقەتنى تاپ، ساتما ئۇنى، تاپ ھەم دانالىق، تەربىيە ۋە پاراسەتنى. 24 ھەققانىي ئوغلى بولغان ئاتا زور خۇشاللىق تاپار، ئاقىل ئوغۇل تاپقان ئاتا ئۇنىڭدىن شادلىققا تولار. 25 ئاتا-ئاناڭ سەندىن خوش بولسۇن! سېنى تۇغقان ئاناڭ شادلانسۇن. (ئون يەتتىنچى نەسىھەت) 26 ئەي ئوغلۇم، ماڭا بېغىشلا قەلبىڭنى، كۆزۈڭ بىلەن كۆزىتىپ تۇر يولۇمنى! 27 پاھىشە ئايال چوڭقۇر ئورىدۇر، بۇزۇق ئايال تار قۇدۇقتۇر. 28 بۇنداق ئايال خۇددى قاراقچىلاردەك مۆكۈنۈپ تۇرار، ئىنسانلار ئارىسىدا خوتۇنىغا ۋاپاسىز ئەرلەرنى ئاۋۇتار. (ئون سەككىزىنچى نەسىھەت) 29 كىملەر ئازاب-قايغۇدا؟ كىملەر جېدەل چىقىرار، زارلىنار؟ كىملەر سەۋەبسىز يارىلىنار؟ كىمنىڭ كۆزى مەيدىن قىزىرار؟ 30 مەي سورۇنىدا ئۇزاق ئولتۇرغانلار، ئەبجەش شارابنى ئىچىشكە بېرىلگەنلەر شۇنداق كۈنگە قالار! 31 شاراپنىڭ قىزىللىقىغا، جامدىكى جۇلاسىغا قارىما، گېلىڭدىن شۇنداق سىلىق ئۆتكەنلىكىگە مەپتۇن بولما. 32 ئاخىرىدا ئۇ سېنى يىلاندەك چېقىۋالار، زەھەرلىك يىلاندەك نەشتىرىنى سانجار. 33 كۆرۈنەر كۆزۈڭگە غەلىتە مەنزىرىلەر، ئەقلىڭ ئېزىپ، چىقار ئاغزىڭدىن قالايمىقان سۆزلەر. 34 بولارسەن خۇددى دېڭىز ئوتتۇرىسىدا لەيلەپ قالغاندەك، كېمە موما ياغىچىنىڭ ئۇچىدا ياتقاندەك. 35 دەرسەنكى: «مېنى دۇمبالىدى، ئاغرىمىدى! ئۇردى، بىلمىدىم ھېچنېمىنى. قاچان ھوشۇمغا كېلىپ يەنە ئىچەرمەن مەينى!» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti