Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پەند-نەسىھەتلەر 22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئەۋزەلدۇر ياخشى نام زور بايلىقتىن، چوڭقۇر ھۆرمەت ئالتۇن-كۈمۈشتىن.

2 گاداي بىلەن باينىڭ ئورتاقلىقى شۇكى: پەرۋەردىگار ياراتقۇچىدۇر ھەر ئىككىلىسىنى.

3 زېرەك خەۋپ-خەتەرنى كۆرۈپ قاچار، نادان قارىغۇلارچە ئالغا بېسىپ ئازاب تارتار.

4 ئەيمەنسە كىمكى كەمتەرلىك بىلەن پەرۋەردىگاردىن، بەھرىمەن بولۇر ئۇ باياشاتلىق، ھۆرمەت ۋە ھەقىقىي ھاياتلىقتىن.

5 ھىيلىگەرلەرنىڭ يولىدا تىكەن، تۇزاقلار ياتار، ھاياتىنى ئەزىزلىگەن كىشى ئۇلاردىن يىراق تۇرار.

6 تەربىيىلە بالاڭنى توغرا يولدا مېڭىشقا، چوڭ بولغاندىمۇ شۇ يولدىن چىقماس ئۇ شۇندا.

7 باي كەمبەغەلنى باشقۇرار، قەرزدار قەرز بەرگۈچىنىڭ قۇلى بولار.

8 ناھەقلىق ئۇرۇقىنى چاچقان بالايىئاپەت ئورار، ئۇنىڭ قەھر تايىقى ھامان سۇندۇرۇلار.

9 سېخىي ئادەم بەرىكەت تاپار، چۈنكى ئۇ يوقسۇللارغا ئۆز نېنىدىن بۆلۈپ بېرەر.

10 مەسخىرىچىنى قوغلىساڭ، جاڭجال يوقىلار، جېدەل-ماجىرا ۋە ھاقارەت ھەم تۈگەر.

11 دىل پاكلىقىنى سۆيىدىغان ۋە سۆزلىرى يېقىملىق كىشى، بولار پادىشاھنىڭ دوستى.

12 قوغدار پەرۋەردىگار ھەقىقەتنى، يوققا چىقىرار ۋاپاسىزنىڭ سۆزلىرىنى.

13 ھۇرۇن شۇنداق دەر:«شىر بار تالادا، يەم بولىمەن چىقسام كوچىغا».

14 چوڭقۇر ئورىدۇر بۇزۇق ئايالنىڭ ئاغزى، ئۇنىڭغا چۈشەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن كىشى.

15 نادانلىق قاپلىغاندۇر بالىلارنىڭ قەلبىنى، نادانلىقنى قوغلىغۇچىدۇر تەربىيە تايىقى.

16 قالار موھتاجلىقتا پەقەت، بايلىق ئۈچۈن يوقسۇلنى ئەزگۈچى، بايلارغا ھەم سوۋغات بەرگۈچى.


ئوتتۇز نەسىھەت

17 قۇلاق سال دانالارنىڭ سۆزلىرىگە، كۆڭۈل قوي مەن ئۆگەتكەن ئىلىم-ھېكمەتكە.

18 ياخشىدۇر ساقلىساڭ ئۇلارنى قەلبىڭدە، تەييار بولسا تىلىڭدا ئۇلار ھەمىشە.

19 ئىشەنچىڭنى باغلاش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا، بۈگۈن ئۇلارنى تونۇتىمەن ساڭا.

20 ئىلىم-ھېكمەت ۋە كېڭەش بېرىش ئۈچۈن ساڭا، يېزىپ بەرمىدىممۇ ئوتتۇز نەسىھەتنى مانا؟

21 بۇنىڭدىندىكى مەقسەت سەن ھەقىقەتنى بىلىسەن، ئۆزۈڭنى ئەۋەتكۈچىلەرگە ھەم ھەقىقىي جاۋاب بېرەلەيسەن.


(بىرىنچى نەسىھەت)

22 يوقسۇل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئېزىپ نەپ ئالما، سوتتا يۆلەنچۈكى يوقنى بوزەك قىلما.

23 چۈنكى ئاقلار پەرۋەردىگار ئۇلارنى، ئالار ئۇ ئۇلارنى ئەزگەنلەرنىڭ جېنىنى.


(ئىككىنچى نەسىھەت)

24 تېرىككەك ئادەم بىلەن دوست بولما، قەھرلىك ئادەم بىلەن ئارىلاشما،

25 سەنمۇ ئۇلارنى دورايسەن بولمىسا، چۈشىسەن ئۆزۈڭ ھەم تۇزاققا.


(ئۈچىنچى نەسىھەت)

26 بولما قول بېرىپ كېپىل بولغۇچىلاردىن، قەرز تۆلەشكە كاپالەت بەرگۈچىلەردىن،

27 قايتۇرغۇدەك نەرسەڭ بولمىغاندا ئۆزگىنىڭ قەرزىنى، ياتقان ئورنۇڭنى تارتقۇزۇپ قويۇشۇڭنىڭ نېمە ھاجىتى؟


(تۆتىنچى نەسىھەت)

28 يۆتكىمە قەدىمدە ئەجدادىڭ بەلگىلەپ قويغان پاسىلنى.


(بەشىنچى نەسىھەت)

29 كۆرگەنسەن ئىشىغا ماھىر ئۇستىنى؟ ئۇ پۇقرانىڭ ئەمەس، پادىشاھلارنىڭ خىزمىتىدىدۇر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan