پەند-نەسىھەتلەر 21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر پادىشاھنىڭ كۆڭلى، باشلار ئۇ ئۆزى خالىغان تەرەپكە ئېرىق سۇيىدەك ئۇنى. 2 ئىنسان توغرا دەپ بىلەر ئۆزىنىڭ ھەر بىر يولىنى، لېكىن پەرۋەردىگار دەڭسەپ كۆرەر ئۇنىڭ قەلبىدىكىنى. 3 ئادەمنىڭ ھەققانىي ۋە ئادىل ئىش قىلىشى، قۇربانلىق قىلغىنىدىنمۇ بەكرەك خۇرسەن قىلار پەرۋەردىگارنى. 4 گۇناھتۇر كۆزنىڭ تەكەببۇرلۇقى ۋە قەلبنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى، يامانلارنىڭ كىبىرلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى. 5 چوقۇم مولچىلىق كەلتۈرەر ئەستايىدىل ئادەمنىڭ پىلانى، پەقەت موھتاجلىقتا قالار بارلىق ئالدىراڭغۇ كىشى. 6 يالغان سۆزلەپ تاپقان بايلىقلار خۇددى، ئۇچۇپ كېتىدىغان تۈتۈن، ئەجەللىك تۇزاق كەبى. 7 ئۆز بېشىغا چىقار يامانلارنىڭ زالىملىقى، چۈنكى رەت قىلار ئادالەت يولىدا مېڭىشنى. 8 ئەگرىدۇر گۇناھكارنىڭ يولى، دۇرۇستۇر پاكنىڭ ئىش-ھەرىكىتى. 9 سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن بىر ئۆيدە ياشاشتىن، ئەۋزەلدۇر ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ياشاش. 10 ياماننىڭ كۆڭلى ھېرىسمەندۇر يامانلىققىلا، ھىممەت قىلماس ئۇ ھەتتا ئۆز يېقىنلىرىغا. 11 نادان ئىبرەت ئالار مازاقچى تارتىلغىنىدا جازاغا، دانا بىلىم ئالار نەسىھەت بېرىلگەندە ئۇنىڭغا. 12 ئادىل خۇدا كۆزىتىپ تۇرار ياماننىڭ ئۆيىنى، زاۋاللىققا يۈز تۇتقۇزار ھامان يامانلارنى. 13 كىمكى قۇلاق سالمىسا كەمبەغەللەرنىڭ داد-پەريادىغا، ئۆزى داد-پەرياد قىلغاندىمۇ ھېچكىم جاۋاب بەرمەس ئۇنىڭغا. 14 باسار يوشۇرۇن سوۋغات ئاچچىقنى، يەڭ ئىچىدە بېرىلگەن پارا قەھر-غەزەپنى. 15 ئادالەت بەجا كەلتۈرۈلگەندە ھەققانىيلار خۇشال بولار، يامانلىق قىلغۇچىلار بولسا ۋەھىمىدە قالار. 16 ئەقىل-ئىدراك يولىدىن چىققۇچى، بولار ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىرى. 17 راھەت-پاراغەتكە بېرىلگەن كىشى نامرات قالار، بېيىماس شاراب ئىچىش، ياغ چايناشقا ئامراقلار. 18 ئۆزىگە قايتار رەزىلنىڭ ھەققانىيغا پىلانلىغان يامانلىقى، ۋاپاسىزنىڭ دۇرۇسقا قىلغان يامان نىيىتى. 19 سوقۇشقاق ۋە تېرىككەك خوتۇن بىلەن ياشاشتىن، ئەۋزەلدۇر چۆل-باياۋاندا ياشاش. 20 ئاقىلنىڭ ئۆيىدە ئارزۇلۇق بايلىق، نازۇنېمەتلەر، ئەخمەقلەر بار دۇنياسىنى بۇزۇپ-چاچار. 21 ھەققانىيەت ۋە سادىقلىقنى ئىزدىگەنلەر، چىن ھاياتلىق، ھەققانىيلىق ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشەر. 22 ئېلىپ ئاقىل كۈچلۈكلەرنىڭ شەھىرىنى، غۇلىتار ئۇلارنىڭ تايانچى بولغان قورغىنىنى. 23 ئۆز ئاغزىغا ئىگە بولغان كىشى، ساقلاپ قالار بالادىن ئۆزىنى. 24 تەكەببۇرلۇق ۋە چوڭچىلىق قىلغان «مەسخىرىچى» دەپ ئاتىلار، ئۇ زىيادە كىبىرلىك بىلەن ئىش قىلار. 25 ھالاك قىلار ئۆزىنى ھۇرۇننىڭ تەمەسى، چۈنكى ئىشقا بارماس ئۇنىڭ قولى. 26 ئۇ كۈن بويى ئاچكۆزلۈك بىلەن تەمە قىلار، ھەققانىي بولسا ئايىماي سېخىيلىق قىلار. 27 يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر، يامان غەرەزدە قىلىنغان بولسا تېخىمۇ شۇنداقتۇر. 28 ساختا گۇۋاھلىق يوققا چىقار، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغۇچىنىڭ گۇۋاھلىقى مەڭگۈلۈك بولار. 29 قېلىندۇر يامان ئادەمنىڭ يۈزى، ئويلىنىپ ماڭار دۇرۇس ئۆز يولىنى. 30 ھەرقانداق دانالىق، ئەقىل-ئىدراك ياكى مەسلىھەت، قارشى بولسا پەرۋەردىگارغا، كارغا كەلمەس پەقەت. 31 ئاتلار جەڭ ئۈچۈن تەييار قىلىنار، بىراق غەلىبە پەقەت پەرۋەردىگاردىنلا بولار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti