پەند-نەسىھەتلەر 20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 شاراب مەسخىرىچى، ھاراق جېدەل-ماجىراچى، ئەقىلسىزدۇر ھەربىر ھاراق-شاراب ئىچىپ ئازغۇچى. 2 پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاشتۇر، ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈش ئۆزىنىڭ جېنىنى تەۋەككۈل قىلغانلىقتۇر. 3 ماجىرادىن ئۆزىنى تارتىش ئىززەت كەلتۈرەر كىشىگە، ھەربىر ئەخمەق تەيياردۇر ئارىلىشىشقا جېدەلگە. 4 ھۇرۇن دېھقان ئۆز پەسلىدە يەر ھەيدىمەس، يىغىم پەيتى ھېچبىر ھوسۇل ئالالماس. 5 چوڭقۇر قۇدۇقتىكى سۇغا ئوخشار ئادەمنىڭ ئوي-پىكىرى، بىراق ئۇنى تارتىپ ئالالار ئەقىل-ئىدراكلىق كىشى. 6 ئۆزىنى دوستقا سادىق دەيدىغانلار كۆپ بولار، بىراق ھەقىقىي ئىشەنچلىك بىرىنى كىم تاپالار؟ 7 ھەققانىي ئادەم دىيانەت يولىدا ماڭار، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بەختلىك بولار! 8 پادىشاھ تەختىدە ئولتۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرار، نەزەر سېلىپ ھەممە ياماننى ياخشىدىن ئايرار. 9 كىم قەلبىم پاكلاندى، گۇناھتىن تازىلاندىم دېيەلەر؟ 10 تارازىدا ۋە ئۆلچەمدە ئادىل بولمىغاندا، ھەر ئىككىسى يىرگىنچلىك بىلىنەر پەرۋەردىگارغا. 11 ئايان قىلار ھەتتا بالىمۇ قىلىقلىرىدىن ئۆزىنى، ھەرىكىتىدە پاكلىق ۋە توغرىلىقنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى. 12 كۆرىدىغان كۆزنى، ئاڭلايدىغان قۇلاقنى، پەرۋەردىگار ياراتتى ھەر ئىككىسىنى. 13 ئامراق بولما ئۇيقۇغا، بولمىسا نامراتلىقتا قالىسەن، تىرىشساڭ ئۇيقۇڭنى ئېچىپ، مول نېمەتكە تويىسەن. 14 خېرىدار باھا تالىشىپ «مال ناچار!» دەپ زارلىنار، نېرىراققا بېرىپ «ئېسىل نەرسە ئالدىم» دەپ ماختىنار. 15 ئالتۇنمۇ بار، لەئەل-ياقۇتلارمۇ كۆپتۇر، بىراق دانا سۆز بولسا تېپىلغۇسىز گۆھەردۇر! 16 ناتونۇشقا كاپالەت بولغان كىشىدىن كېپىلگە تونىنى ئېلىۋال، ياتقا كېپىل بولغاندىن كېپىللىك ئال. 17 ئالداپ تاپقان نان تاتلىق بولار، بىراق كېيىن ئاغزىغا شېغىل تولار. 18 پىلان مۇقىم بولار مەسلىھەت بىلەن، جەڭ قىل ئاقىلانە مەسلىھەت بىلەن. 19 پىتنىخور ئاشكارىلار سىرنى، ۋالاقتەگكۈردىن قاچۇر ئۆزۈڭنى. 20 كىمكى ئاتا-ئانىسىنى قارغىسا، ئۆچەر ئۇنىڭ چىرىغى تۈن قاراڭغۇسىدا. 21 ئاسان ئېرىشكەن مىراس، ئاخىرىدا بەرىكەتلىك بولماس. 22 يامانلىق قايتۇرىمەن دېمە يامانلىققا، پەرۋەردىگارنى كۈت، ئۇ ياردەم بېرەر ساڭا. 23 تارازىدا ساختىلىق قىلىش پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر. ساختا ئۆلچەم قەبىھلىكتۇر. 24 پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىدىندۇر ئىنساننىڭ قەدەملىرى، شۇنداق ئىكەن قانداق بىلەر ئىنسان ئۆز يولىنى؟ 25 يېنىكلىك بىلەن «خۇداغا ئاتىغان ھەدىيە» دەپ ۋەدە بېرىپ، ئاندىن ئارىسالدا بولغان كىشى ئۆزى قىلتاققا كېتەر چۈشۈپ. 26 دانا پادىشاھ توپان سورۇغاندەك سورۇۋېتەر يامانلارنى، خامان تەپكەندەك ئايرىۋېتەر ئۇلارنى. 27 پەرۋەردىگارنىڭ نۇرى چۈشۈپ روھىغا ئادەمنىڭ، كۆزۈتۈپ تۇرار بارلىق ئوي-نىيىتىنى ئۇنىڭ. 28 سادىقلىق ۋە ئىشەنچ پادىشاھنى قوغدار، ئۇنىڭ تەختى سادىقلىق بىلەن مۇستەھكەم بولار. 29 يىگىتلەرنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇلارنىڭ شەرىپىدۇر، ئاق چاچلىرى بولسا ياشانغانلارنىڭ ھۆرمىتىدۇر. 30 قامچىنىڭ ئىزى كىشىنى يامانلىقتىن تازىلار، تاياق كۆڭۈلنى پاكلىتار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti