Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پەند-نەسىھەتلەر 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


دانالىقنىڭ ئاتا قىلىدىغانلىرى

1 ئەي ئوغلۇم، ئەگەر قوبۇل قىلساڭ سۆزلىرىمنى، قەلبىڭدە ساقلىساڭ بۇيرۇقلىرىمنى،

2 قۇلاق سالساڭ دانالىققا، كۆڭۈل قويساڭ ئەقىل-ئىدراكقا،

3 خىتاب قىلساڭ پاراسەتكە تەشنا بولۇپ، چاقىرىساڭ ئەقىل-ئىدراكنى تەلمۈرۈپ،

4 قازساڭ دانالىقنى ئالتۇن-كۈمۈش قازغاندەك، ئىزدىسەڭ ئۇنى يوشۇرۇن خەزىنە ئىزدىگەندەك،

5 شۇ چاغدا پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى بىلىسەن، خۇدانى ھەقىقەتەن تونۇيالايسەن.

6 چۈنكى پەرۋەردىگار دانالىق ئاتا قىلغۇچىدۇر. بىلىم بىلەن ئەقىل-ئىدراك ئۇنىڭ سۆزىدىن كېلۇر.

7 ئۇ ساقلاپ قويغاندۇر ياخشىلىقلارنى دۇرۇسلارغا، ئۆزى قالقاندۇر دىيانەت يولىدا ماڭغانلارغا.

8 يولىنى قوغدايدۇ ئۇ ئادىللىقنى ياقلىغۇچىلارنىڭ، ساقلايدۇ ئۇ يولىنى سادىق بەندىلىرىنىڭ.

9 شۇ چاغ ھەققانىيلىق، ئادىللىق ۋە دۇرۇسلۇقنى تونۇيسەن، بۇ ياخشى يوللارنى چۈشىنىسەن.

10 چۈنكى ئورۇن ئالىدۇ دانالىق قەلبىڭدىن، كۆڭلۈڭ يايرايدۇ بىلىمدىن.

11 قوغدايدۇ سېنى پەم-پاراسىتىڭ، مۇھاپىزەت قىلىدۇ ھەم ئەقىل-ئىدرىكىڭ،

12 شۇندا دانالىق قۇتۇلدۇرىدۇ سېنى يامان يولدىن، تىلىنىڭ ئاستىدا تىلى بارلاردىن،

13 ئۇنداقلار توغرا يولنى تاشلاپ، زۇلمەتتە ياشار،

14 يامانلىق قىلىشتىن خۇشاللىنار، رەزىللىكنىڭ نىجىسلىقىدىن شادلىنار،

15 ئەگرى يولدا مېڭىپ ساختىپەزلىك قىلار.

16 دانالىق ساقلار سېنى زىناخور ئايالدىن، شېرىن-شېكەر سۆزلۈك، بۇزۇق خوتۇندىن.

17 بۇنداق خوتۇن تاشلار ياشلىقىدا تەگكەن جورىسىنى، ئۇنتۇپ قالار ئۇ خۇدا ئالدىدا قىلغان ئەھدىسىنى.

18 ئۆلۈمگە ئاپىرىدىغان يولدۇر ئۇنىڭ ئۆيى، ئەرۋاھلار ماكانىغا باشلار ئۇنىڭ يولى.

19 ئۇنىڭ يېنىغا بارغانلارنىڭ بىرىمۇ قايتالماس، ھاياتلىق يولىغا ھەم يېتەلمەس.

20 سەن ماڭ ياخشىلارنىڭ ئىزىدىن، چىقما ھەققانىيلارنىڭ يولىدىن.

21 چۈنكى يېرىمىزدە ماكانلىشار دۇرۇسلار، قېلىپ قالار دىيانەتلىكلەر.

22 لېكىن ئۇ يەردىن تارمار قىلىنار يامانلىق قىلغۇچىلار. يۇلۇپ تاشلىنار ۋاپاسىزلار.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan