پەند-نەسىھەتلەر 16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 كۆڭۈلدىكى ئوي-پىكىرلەر ئىنساندىندۇر، ئۇنىڭ توغرا جاۋاب بېرىشى خۇدانىڭ ئىلھامىدىندۇر. 2 ئىنسان پاك دەپ بىلەر ئۆزىنىڭ قىلغان ھەممە ئىشىنى، لېكىن پەرۋەردىگار دەڭسەپ كۆرەر ئادەمنىڭ نىيىتى. 3 تاپشۇر قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭنى پەرۋەردىگارغا، نەتىجىلىك بولار پىلانلىرىڭ شۇندا. 4 پەرۋەردىگار بارلىق مەۋجۇداتنى مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرغاندۇر، ھەتتا يامانلارنى بالايىئاپەت كۈنىگە قالدۇرغاندۇر. 5 پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر تەكەببۇرلار، مۇقەررەركى، جازاسىز قالماس ئۇلار. 6 ئۆزگەرمەس مۇھەببەت بىلەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنار، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەملەرنى يامانلىقتىن خالىي قىلار. 7 پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا ئادەمنىڭ تۇتقان يولى، پەرۋەردىگار ھەتتا ياراشتۇرار دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇنى. 8 مول بايلىقنى تاپقاندىن ئادالەتسىزلىك بىلەن، ئەۋزەلدۇر ئاز تاپقان ھەققانىيلىق بىلەن. 9 ئىنسان ئۆز يولى ئۈچۈن پىلان تۈزەر كۆڭلىدە، ئەمما پەرۋەردىگار قارار قىلار ئۇنىڭ قەدىمىگە. 10 پەرۋەردىگارنىڭ ئىلھامى بار پادىشاھنىڭ قارارىدا، ئادالەتسىزلىك چىقماس ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھۆكۈم چىقارغىنىدا. 11 ئادىل تارازا-مىزانلار خۇداغا خاستۇر، تارازا تاشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئىجادىدۇر. 12 پادىشاھنىڭ يامانلىق قىلىشى ئۆزى ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر، چۈنكى تەختنىڭ مەزمۇت تۇرۇشى ھەققانىيەت بىلەندۇر. 13 خۇرسەن قىلار توغرا سۆز پادىشاھنى، سۆيەر ئۇ ھەق سۆزلىگەنلەرنى. 14 ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسىدۇر پادىشاھنىڭ غەزىپى، بىراق قايتۇرار دانا كىشى ئۇنىڭ غەزىپىنى. 15 ھايات قېلىشقا نىشانىدۇر پادىشاھنىڭ تەبەسسۇمى، گويا باھاردىكى يامغۇردەكتۇر ئۇنىڭ شەپقىتى. 16 دانالىققا ئېرىشىش ئالتۇنغا ئېرىشىشتىن كۆپ ئەۋزەلدۇر، ئەقىل-ئىدراكلىقنى تاللاش كۈمۈشنى تاللاشتىن ئەلادۇر. 17 توغرا ئادەمنىڭ داغدام يولى يامانلىقتىن يىراقتۇر، يولىغا ئېھتىيات قىلىشنىڭ ئۆزى جېنىنى ساقلاپ قېلىشتۇر. 18 ئاۋۋال كېلەر تەكەببۇرلۇق ھالاكەتتىن، ھاكاۋۇرلۇق يىقىلىشتىن. 19 تەكەببۇرلار بىلەن ھارام ئولجا بۆلۈشكەندىن كۆرە، ياشاش ئەۋزەلدۇر كەمتەر بولۇپ ئېزىلگەنلەر بىلەن بىللە. 20 روناق تاپار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە كۆڭۈل قويغانلار، بەختلىك بولار ئىشەنچىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار. 21 كۆڭلىگە دانالىق ئورنىغۇچى پاراسەتلىك دەپ ئاتىلار، يېقىملىق سۆزلەر تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولار. 22 ئەقىل-ئىدراك ئۆز ئىگىسى ئۈچۈن ھايات بۇلىقىدۇر، ئەخمەقنىڭ ئۆز ئەخمەقلىقى ئېلىپ كېلىدىغىنى جازادۇر. 23 دانانىڭ قەلبىدىكى دانالىق ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقار، سۆزلىرى تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولار. 24 يېقىملىق سۆزلەر گويا ھەسەلدۇر، جانغا راھەت، تەنگە شىپادۇر. 25 بەزى يوللار توغرىدەك كۆرۈنەر كىشىگە، لېكىن ئاخىرى ئېلىپ بارار ئۆلۈمگە. 26 ئەمگەكچىنىڭ ئىشتىيى ئۇنى تۇتار ئەمگەككە، ئاچ قارنى مەجبۇرلار ئىشلەشكە. 27 قوزغار يامانلىقنى ئۆكتەم كىشى، ئوخشار لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ئۇنىڭ زۇۋانى. 28 جېدەل-ماجىرانى كېڭەيتەر ھىيلىگەرنىڭ سۆزى، بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەر غەيۋەت يېقىن دوستلارنى. 29 ئېزىقتۇرار زوراۋان كىشى ئۆز يېقىنىنى، باشلار يامان يولدا مېڭىشقا ئۇنى. 30 كۆز قىسىش بىلەن شۇملۇق ئويلار، لېۋىنى چىڭ يۇمۇش بىلەن يامانلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرار. 31 ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ ھۆرمەت تاجىدۇر. 32 ئەۋزەلدۇر سەۋرچان ئادەم باتۇردىن، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش شەھەر ئالغاندىن. 33 چەك ئېتەككە تاشلانغىنى بىلەن، ھۆكۈم قىلىش پەرۋەردىگاردىندۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti