پەند-نەسىھەتلەر 14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئاقىل ئايال ئائىلىسىنى روناق تاپقۇزار، ئەخمەق ئايال ئۆز قولى بىلەن ئائىلىسىنى بۇزار. 2 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنەر توغرا يولدا ماڭغۇچى، كۆزگە ئىلماس ئۇنى ئەگرى يولدا يۈرگۈچى. 3 توقماق بولار ئۆزىگە ئەخمەقنىڭ تەكەببۇر ئاغزى، ئۆزىنى قوغدار ئاقىلنىڭ تىلى. 4 ئۆكۈزۈڭ بولمىغاندا ئوقۇر قۇرۇق تۇرار، لېكىن ئۆكۈزنىڭ كۈچى بىلەن مول ھوسۇل بولار. 5 ئاغزىدىن يالغان سۆز چىقماس سادىق گۇۋاھچىنىڭ، تىنىقىدىن يالغانچىلىق چىقىپ تۇرار ساختا گۇۋاھچىنىڭ. 6 مازاق قىلغۇچىنىڭ دانالىقنى ئىزدىشى بىھۇدىدۇر، ئاقىلغا بىلىم ئېلىش ئاساندۇر. 7 نېرى تۇت ئۆزۈڭنى ئەخمەقتىن، ئالالمايسەن نە بىلىم ئۇنىڭ لەۋزىدىن. 8 زېرەكنىڭ دانالىقى ئۆز يولىنى چۈشەنگەنلىكىدە، ئەخمەقلەرنىڭ ئەقىلسىزلىقى ئالدامچىلىق قىلىشىدا. 9 مەسخىرىلىك كۈلەر ئەخمەقلەر گۇناھقا، كەڭچىلىك بولار ھەققانىيلارنىڭ ئارىسىدا. 10 يۈرەك ئۆز دەردىنى ئۆزىلا بىلىدۇ، خۇشاللىقىغىمۇ باشقىلار شېرىك بولالمايدۇ. 11 ئۆيى ۋەيران بولار ياماننىڭ، گۈللەپ ياشنار ھەققانىينىڭ. 12 بەزى يوللار توغرىدەك كۆرۈنەر كىشىگە، لېكىن ئاخىرى ئېلىپ بارار ئۆلۈمگە. 13 بەزىدە كۈلۈپ تۇرسىمۇ، ئازاب يۈرەكنى ئاغرىتار، خۇشاللىق بەزىدە غەم-قايغۇ بىلەن ئاخىرلىشار. 14 يولدىن چىققانلار تېگىشلىك جازا تارتار. ياخشى ئادەم ياخشىلىقىدىن تارتۇقلىنار. 15 گول كىشى ئىشىنىپ كېتەر ھەممە گەپكە، زېرەك ئادەم ئويلىنار ھەر قەدەمدە. 16 دانا ئېھتىياتچان بولۇپ، يامانلىقتىن نېرى تۇرار، ئەقىلسىز بەڭباش بولۇپ، بىپەرۋالىق قىلار. 17 مىجەزى ئىتتىك ئادەم ئەخمىقانە ئىش قىلار، بەتنىيەت نەپرەتكە قالار. 18 گول ئادەملەرگە ئەخمەقلىق مىراس قالار، زېرەكلەرگە بىلىم تاج بولۇپ تاقىلار. 19 باش ئېگەر يامانلار ياخشىلارنىڭ ئالدىدا، رەزىللەر ھەققانىينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا. 20 نامراتقا يېقىنىمۇ ئۆچ بولار ھەتتا، دوست تارتىدىغانلار كۆپ بولار بايغا. 21 يېقىنىنى پەس كۆرگەن گۇناھكاردۇر، ھاجەتمەنلەرگە رەھىم قىلغان بەختلىكتۇر. 22 بەرھەق، يامان نىيەتلىك يولدىن ئادىشار، ياخشى نىيەتلىك مۇھەببەت ۋە سادىقلىقنى تاپار. 23 كېلەر ھەربىر مېھنەتتىن پايدا، قالدۇرار قۇرۇق پاراڭ ئادەمنى موھتاجلىقتا. 24 ئاقىلنىڭ ئېرىشكەن بايلىقى ئۇنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر، نادانلىقىدىن ئەخمەققە پەقەت نادانلىق قالۇر. 25 قۇتقۇزار كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى چىن گۇۋاھلىق بەرگۈچى، خائىنلىق قىلار تىنىقىدىن يالغانچىلىق چىقىپ تۇرغۇچى. 26 پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىنىڭ يۆلەنچۈكى بار، ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ ھىمايىگە ئىگە بولار. 27 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش بۇلىقىدۇر ھاياتلىقنىڭ، كىشىنى خالىي قىلار تۇزىقىدىن ئۆلۈمنىڭ. 28 پادىشاھنىڭ شان-شەرىپى پۇقراسىنىڭ كۆپ بولۇشىدىن، ھۆكۈمدارنىڭ ھالاكىتى پۇقراسىنىڭ يوق بولۇشىدىن. 29 ئەقىل-ئىدراكقا ئىگە ئېغىر-بېسىق كىشى، ئاشكارىلار ئەخمەقلىقىنى چېچىلغاق كىشى. 30 تەننىڭ ساغلاملىقىدۇر كۆڭۈل خاتىرجەملىكى، چىرىتار ھەسەتخورلۇق سۆڭەكنى. 31 كەمبەغەلنى ئەزگەنلىك ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىغا ھاقارەت كەلتۈرگەنلىكتۇر، ھاجەتمەنگە شاپائەت قىلغانلىق ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىنى ئۇلۇغلىغانلىقتۇر. 32 يامان يامانلىقى تۈپەيلىدىن يىقىلار، ھەققانىي سەكراتتا ياتقاندىمۇ باشپاناھىغا ئۆزىنى تاپشۇرار. 33 ئالار دانالىق ئاقىلنىڭ كۆڭلىدە چوڭقۇر ئورۇننى، بىلدۈرەر ئەخمەقلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۆزىنى. 34 كۆتۈرەر ھەققانىيەت خەلقنىڭ ئابرۇيىنى، نومۇسقا قالدۇرار گۇناھ ھەرقانداق ئەلنى. 35 چېچەن ئەمەلدارغا ياغار پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتى، شەرمەندە ئەمەلدارغا بولسا ئۇنىڭ غەزىپى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti