Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پەند-نەسىھەتلەر 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 تەربىيىنى سۆيگەن بىلىمنى سۆيگۈچىدۇر. تەنبىھنى ئۆچ كۆرگەن ھاماقەتتۇر.

2 ياخشى ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ شاپائىتىگە مۇيەسسەر بولار، بەتنىيەت ئادەمنى پەرۋەردىگار جازاغا ھۆكۈم قىلار.

3 ئادەم يامانلىق قىلىپ ئامان بولماس، ھەققانىيلارنىڭ يىلتىزى قومۇرۇلماس.

4 پەزىلەتلىك ئايال ئېرىنىڭ تاجىدۇر، شەرمەندە خوتۇن ئېرىنىڭ كۈچىنى خوراتقۇچىدۇر.

5 ھەققانىيلارنىڭ ئويلىرى ئادىللىقتۇر، يامانلارنىڭ مەسلىھىتى مەككارلىقتۇر.

6 قان تۆكىدىغان تۇزاقتۇر يامانلارنىڭ تىلى، ئادەمنى تۇزاقتىن قۇتقۇزار ھەققانىيلارنىڭ سۆزى.

7 يامانلار ۋەيران قىلىنىپ يوقىلار، ھەققانىيلارنىڭ ئۆيى مەزمۇت تۇرار.

8 ئەقىل-ئىدرىكىگە قاراپ ئادەم ماختاشقا سازاۋەر بولار، ئەگرى ئوي-پىكىرلىك كىشى كۆزگە ئىلىنماي قالار.

9 ئېتىبارسىز قارالسىمۇ چاكار ياللىغان كىشى، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ نانغا زار بولغۇچىدىن ياخشى.

10 ھەققانىي ئادەم ئۆز مال-ۋارىنىنى ئاسرىماي قالماس، يامان ئادەمنىڭ «رەھىمدىللىكى» زالىملىقتۇر خالاس.

11 يېرىگە ئىشلىگەننىڭ قورسىقى توق. قۇرۇق خىيال سۈرگەننىڭ ئەقلى يوق.

12 كۆز قىزارتار رەزىلنىڭ ئولجىسىغا يامانلار، يىلتىز تارتىپ مېۋە بېرەر ھەققانىيلار.

13 يامان كىشى ئۆز ئاغزىنىڭ گۇناھىدىن تۇتۇلار، ھەققانىي ئادەم مۈشكۈللۈكتىن قۇتۇلار.

14 ئادەم ياخشى سۆزى بىلەن ياخشىلىق تاپار، مېھنىتى بىلەن ئىنئامغا سازاۋەر بولار.

15 ئەخمەقنىڭ يولى ئۆز نەزىرىدە توغرىدۇر، نەسىھەتكە قۇلاق سالغۇچى دانادۇر.

16 تېزلا بىلىنەر كەلسە ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى، ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا زېرەك چاندۇرماس ئىنكاسىنى.

17 بىلدۈرەر ھەق سۆزلىگۈچى ئادىللىقنى، يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈچى ساختىلىقنى.

18 ئويلىمايلا قىلغان سۆز قىلىچتەك تىقىلار، دانالارنىڭ سۆزى داۋا بولار.

19 راست گەپ مەڭگۈ پۇت تىرەپ تۇرار، يالغان گەپ بىردەملىك بولار.

20 يامان نىيەتلىك كىشىنىڭ كۆڭلىدە ھىيلىگەرلىك بولار. تىنچ-ئامانلىقنى دەۋەت قىلغۇچىلار خۇشاللىق تاپار.

21 ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا ھېچ كۈلپەت چۈشمەس، رەزىللەر بەختسىزلىكتىن قۇتۇلالماس.

22 پەرۋەردىگار يىرگىنەر يالغان سۆزلەردىن، خۇرسەن بولار سۆز-ھەرىكىتى سەمىمىي بولغانلاردىن.

23 بىلىندۇرمەس زېرەكلەر ئۆز بىلىمىنى، ئاشكارىلار ئەخمەقلەر ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى.

24 تىرىشچان قول ھوقۇق تۇتار، ھۇرۇن ئالۋانغا تۇتۇلار.

25 مۈكچەيتەر غەم-ئەندىشە كىشىنى، خۇش قىلار بىر ئېغىز ياخشى سۆز ئادەمنى.

26 ھەققانىيلار يېقىنىغا يول كۆرسىتەر، يامانلارنىڭ يولى ئۆزلىرىنى ئازدۇرار.

27 ھۇرۇن ھەتتا ئېرىنەر پىشۇرۇشقا ئوۋلىغان ئوۋنى، تىرىشچانلىق بولسا ئادەمنىڭ قىممەتلىك بايلىقى.

28 ھەققانىيلارنىڭ يولىدا ھاياتلىق باردۇر، بۇ يول ئۆلۈمگە يېتەكلىمەيدىغان يولدۇر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan