Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پەند-نەسىھەتلەر 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پەرۋەردىگار يىرگىنەر مەككارنىڭ تارازىسىدىن، خۇرسەن بولار ھەققانىينىڭ تارازا تېشىدىن.

2 تەكەببۇرلۇق كەينىدىن كېلەر شەرمەندىلىك، ھەمراھ بولار كەمتەرلىككە دانالىق.

3 يېتەكلەر دۇرۇسلارنى دىيانەتلىكى، ۋەيران قىلار كاززاپلارنى ئۆز ھىيلىگەرلىكى.

4 مال-دۇنيانىڭ پايدىسى بولماس خۇدا غەزەپكە كەلگەن كۈنى، ھەققانىيلىق بولسا ئۆلۈمدىن قۇتقۇزار ئادەمنى.

5 دىيانەتلىك كىشىنىڭ ھەققانىيلىقى ئۇنىڭ يولىنى ئوچۇق قىلار، يامان ئادەم ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار.

6 دۇرۇسلارنى ھەققانىيلىقى قۇتقۇزار، ساتقۇنلار ئۆز نەپسىدىن تۇتۇلار.

7 ئۆلسە يامان ئادەم، ئارزۇسى يوققا چىقار، باي بولۇش ئۈمىدى كۆپۈككە ئايلىنار.

8 ھەققانىي كىشى كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇرۇلار، يامان ئادەم ئەكسىچە كۈلپەتكە دۇچار بولار.

9 خۇداسىزلار يېقىنىنى تىلى بىلەن ھالاك قىلار، ھەققانىيلار بىلىمى بىلەن قۇتقۇزۇلار.

10 ئەل-يۇرت شاد بولار، ھەققانىيلار روناق تاپسا، تەنتەنە قىلار، يامانلار ھالاك بولسا.

11 ئەل-يۇرت گۈللەپ ياشىنار دۇرۇسلارنىڭ بەرىكەت تىلەشلىرىدىن، خاراب بولار يامانلارنىڭ تىلىدىن.

12 ئەقىلسىز كەمسىتەر يېقىنىنى، سۈكۈت قىلار ئەقىل ئىگىسى.

13 چېقىمچى ئاشكارىلار مەخپىيەتلىكنى، ئىشەنچلىك كىشى چىڭ ساقلار سىرنى.

14 ئەل ۋەيران بولار، مەسلىھەتسىز بولسا، غەلىبە قىلار مەسلىھەتچىلەر كۆپ بولسا.

15 كۆپ زىيان تارتار ياتقا كېپىل بولغۇچى، ئامان بولار كېپىللىكتىن باش تارتقۇچى.

16 سازاۋەر بولار لاتاپەتلىك ئايال ھۆرمەتكە، پەقەت ئىگە بولار زوراۋانلار بايلىققا.

17 كەلتۈرەر رەھىمدىل ئۆزىگە پايدا، ئۇچرىتار رەھىمسىز ئۆزىنى زىيانغا.

18 كۆپۈكتەك بولار يامانلارنىڭ تاپقىنى. چوقۇم ئىنئام ئالار ھەققانىيلىق ئۇرۇقىنى چاچقۇچى.

19 ھاياتلىققا ئېرىشەر چىن ھەققانىي كىشى، ئۆلۈمگە يۈزلىنەر يامانلىقنى قوغلاشقۇچى.

20 پەرۋەردىگار يىرگىنەر كۆڭلى ئەگرىلەردىن، خۇرسەن بولار يولى دىيانەتلىكلەردىن.

21 سۆزسىزكى، يامانلار چوقۇم جازالىنار، ھەققانىيلارنىڭ ئەۋلادى قۇتقۇزۇلار.

22 ھۆسنى بار ئەقلى يوق خوتۇن ئوخشار، چوشقا تۇمشۇقىغا ئېسىلغان ئالتۇن ھالقىغا.

23 ياخشىلىققا باشلار ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى، غەزەپ-نەپرەتتە قالدۇرار يامانلارنىڭ كۈتكىنى.

24 بىرى سېخىي بولۇپ، بايلىقى يەنىلا ئاشار، يەنە بىرى بېخىل بولۇپ ئەكسىچە نامراتلىشار.

25 روناق تاپار مەردلەر، سۇ بەرگەنلەرگە سۇ بېرىلەر.

26 قالار ئاشلىقنى ۋاقتىدا ساتمىغانلار خەلقنىڭ لەنىتىگە، بەرىكەت تىلىنەر ئاشلىقنى ۋاقتىدا سېتىپ بەرگەنلەرگە.

27 ياخشىلىق قىلىشقا ئىنتىلگۈچى كۆرەر ياخشىلىق، يامانلىق قىلىشنى كۆزلىگۈچىگە كېلەر يامانلىق.

28 يىقىلىپ چۈشەر مال-دۇنياسىغا تايانغانلار، ئەتىيازنىڭ بىخىدەك كۆكلەر ھەققانىيلار.

29 مىراس ئالالماس ئۆيىدىكىلەرگە كۈلپەت كەلتۈرگۈچى، دانانىڭ چاكىرى بولۇپ قالار ئەقىلسىز كىشى.

30 ھاياتلىق دەرىخىدۇر ھەققانىينىڭ مېۋىسى، ئاقىلدۇر كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئۇتقۇچى.

31 سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن بۇ دۇنيادا جازالانغان تۇرسا ھەققانىيلار، يامانلار بىلەن گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولار؟

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan